UYGHURCHE, ]
ھىندى-ياۋروپا | ||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىل سېستىمىسىدۇر. يۈزلەرچە تىل ۋە لەھچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۇنيادا 2.5 مىلىياردتىن زىيادە كىشىنىڭ ئانا تىلى ھىندى - ياۋروپا تىل سېستىمىسىغا تەۋە بىر تىلدۇر. ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ تىللىرى، جەنۇبىي ۋە غەربىي ئاسىيا تىللىرى، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە ئوكيانۇسىيەدە ئەڭ كۆپ سۆزلىشىلىدىغان تىللار ھىندى ياۋروپا تىللىرىدۇر.
لشۇناسلار، ھىندى - ياۋروپا تىللىرىنىڭ ئانا ھىندى - ياۋروپا تىلى دېيىلىدىغان بىر تىلدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتەدۇر. بۇ تىل ئەسلىدە ياۋرو-ئاسىيادا بىر يەرلدە ئىشلىتىلەتتى، ئەمما بۇگۈن يەريۈزىنىڭ ھەر يېرىدە سۆزلىشىلمەكتە.
ھىندى - ياۋروپا تىل سېستىمىسى كۈنىمىزدە دۇنيادا سۆزلىشىلىدىغان 20 تىلدىن 12 سى ھىندى - ياۋروپا تىل گۇرۇبىغا ئائىتتۇر. بۇلار ئىنگىلىزچە، ئىسپانچە، ھىندىچە، پورتۇگالچە، بېنگالچە، رۇسچە، نېمىسچە، ڧرانسۇزچە، ماراتى، ئىتالىيانچە، پەنجاپچە ۋە ئوردۇچە قاتارلىقلار.
Thomas Young (توماس ياڭ) 1813- يىلى بۇ تىل سېستىمىسىنىڭ غەربىي ياۋروپادىن شەرقىي شىمال ھىندىستانغا ئۇزانغان جۇغراڧىي بۈيۈكلىكى ۋەجىدىن "ھىندى-ياۋروپا" ئاتالغۇسى ھىندى + ياۋروپادىن تۈرلەنگەن.
ئالبانچە
ئالبانىيە ۋە كوسوۋۇادا سۆزلىشىلىدۇ.
ئاناتولىيە تىللىرى
ھىندى-ياۋروپا تىللىرىنىڭ ئەڭ كونا ۋە ئەڭ بالدۇر يوقىلىپ كەتكەن لەھچىلىرى.
بالتىق تىللىرى
گېرمان تىللىرى
غەربىي گېرمان تىللىرى
ئىنگلىزچە دۇنيادا 410 مىلىيون كىشىنىڭ ئانا تىلى ۋە 53 ئەلنىڭ رەسمىي تىلىدۇر.
نېمىسچە دۇنيادا 95 مىلىيون كىشىنىڭ ئانا تىلى، گوللاندىيەچە 23 مىلىيوننىڭ ئانا تىلى، ئاڧرىقآنسچە 16 مىلىيوننىڭ ئانا تىلى، يىدىشچە 3 مىلىيوننىڭ ئانا تىلى.
شىمالىي گېرمان تىللىرى
ئىسكاندىناۋ تىللىرى دەپ بىلىنىگەن بۇ تىللار جەمئىي 22 مىلىيون كىشى تەرپىدىن قوللىنىلماقتا. ئىسكاندىناۋ تىللىرى شۋېتچە، دانيەچە، نۇرۋېگىيەچە، ئىسلاندىيەچە قاتارلىقلار.
ئەرمەنچە
ئەرمەنىستان ۋە رۇسىيە، ئا ق ش، ڧرانسىيە ۋە باشقا دۇنيا ئەللىرىدە ياشىغۇچى ئەرمەنىي ئاز سانلىقلار تەرىپدىن قوللىنىلىدۇ، تەخمىنەن 5 مىلىيون كىشى.
ھىندى-ئىران تىللىرى
ئىنرانىي تىللەر
بۇ ئائىلە شەرقىي ۋە غەربىي ئىرانىي تىللار دەپ ئىككى تارققا ئايرىلىدۇ. ئىران ۋە ئەتراپىدا 90 مىلىيوندىن كۆپرەك كىشى تەرىپىدىن سۆزلىشىلىدۇ.
ھىندى تىللىرى
ھىندىچە (333 مىلىيون كىشى)، بېنگالچە (195 مىلىيون كىشى)، ئوردۇچە (104 مىلىيون كىشى)، پەنجابچە (88 مىلىيون كىشى)، سانسىكرىتچە، پالىچە، رومانچە، نېپالچە.
ئىتالىك تىللەر
رومەن تىللىرى
دۇنيادا 600 مىلىيون كىشى تەرىپدىن سۆزلىشىلىدۇ. ئاساسلىق رومەن تىللىرى ڧرانسۇزچە، ئىسپانچە، ئىتاليانچە، پورتۇگالچە، رۇمەنىچە، كاتالانچە، ئوكسىتانچە، كورسىكاچە ۋە ئارپىتانچە قاتارلىقلار.
لاتىنو-ڧالىسكان تىللار
لاتىنچە، ئۇمبرىيانچە، ئوسكانچە، ڧالىسكانچە قاتارلىقلار.
كېلت تىللىرى
دۇنيادا 1.5 مىلىيون كىشى تەرىپىدىن قوللىنىلىدۇ. ئاساسلىق كېلت تىللىرى برېتونچە، گالچە، ئىرلاندىيەچە، شوتلاندىيەچە، كەرنەۋىتچە، مانكسچە قاتارلىقلار.
دۇنيادا 250 مىلىيوندىن ئارتۇق كىشى سلاۋ تىللىرىدا سۆزلىشىدۇ.
شەرقىي سىلاۋىيان تىللىرى
غەربىي سىلاۋىيان تىللىرى
جەنۇبىي سىلاۋىيان تىللىرى
بۇلغارچە، ماكېدونچە، سلوۋەنچە، سىربچە، خرۋاتچە، بوشناقچە
توخار تىللىرى
گرېتسىيە ۋە ئەتراپىدا 15 مىلىيون كىشى تەرىپىدىن سۆزلىشىلىدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.