ئافرىقا: قىتئە

ئافرىقا

چوڭلۇقى 30.370.000 km²
نوپۇس(2011) 1.032.532.974(2.)
زىچلىق 30,51/km²
دۆلەتلەر 54
ۋاقىت رايونى +0 (سېنېگال)

+4 (ماۋرىتىئۇس)

ئافرىقا: قىتئە

ئافرىقا، يەر مەيدانى ۋە نۇپۇس زىچلىقى نوقتىسىدىن دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ قىتئەسىدۇر. ئۆزىگە باغلىق دەپ قارالغان ئاراللار ئىلە بىرلىكتە 30.8 مىلىيون كلومېتر2 لىق چوڭلىقى بىلەن دۇنيا ئومۇمىي يۈزىنىڭ 6% سىنى ۋە دۇنيا قۇرۇقلۇق مەيدانىنىڭ 24.4% ىنى قاپلايدۇ. 1 مىلىيارد كىشىلىك نۇپۇسى ئىلە دۇنيا نۇپۇسىنىڭ 15% ىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئافرىقاشىمالدا ئاق دېڭىز، جەنۇبتا ھىندى ئوكيان، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيان، شەرقتە سىنا يېرىم ئارىلى، قىزىل دېڭىز ۋە سۇۋەيىش قانىلى بىلەن ئورۇلۇپ تۇرىدۇ. ماداغاسقار ۋە تۈرلۈك تاقىم ئاراللىرى ھەم ئۇنىڭغا تەۋەدۇر. قىتئەدە 54 دېپلوماتىك ئېتىراپ قىلىنغان مۇستەقىل دۆلەت، توققۇز رايون ۋە 3 مەلۇم دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىنغان دۆلەت باردۇر.

ئافرىقا: قىتئە
ئافرىقىنىڭ دۇنيا خەرىتىسىدىكى ئورنى

پۈتۈن قىتئەلەر ئاراسىدا ئەڭ كۆپ ياش نۇپۇس ئافرىقىدا ياشىماقتا. ئافرىقالىقلارنىڭ 50% سى 19 ياشنىڭ ئاستىدادۇر. ئالجىرىيە يۈز ئۆلچىمى ئەڭ چوڭ ئافرىقا دۆلىتى، نۇپۇس جەھەتتە ئەڭ چوڭ ئافرىقا دۆلىتى بولسا نىگېرىيەدۇر. بولۇپمۇ غەربىي ئافرىقا ئىنسانىيەتنىڭ بۆشۈكى دەپ قارىلىدۇ.

ئافرىقا، تۈرلۈك ئىقلىم بەلباغلىرى بولغان ئېكۋاتورنىڭ ھەر ئىككى تەرەپىدە ۋە دۇنيا يۈزىدە ھەر ئىككى ئىقلىم بەلباغىغا ئۇزانغان بىردىنبىر قىتئەدۇر.

ئافرىقا ئېتنىك، مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتىن ئىنتايىن رەڭگارەڭ بىر قىتئەدۇر. 19. ئەسرنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئەللىرى تامانىدىن سۈمۈرگە قىلىنغان. ئافرىقانىڭ زامانەۋىي دەۋلەتلەرى 20. ئەسردىكى مۇستەملىكەلەرنىڭ مۇستەقىللىق باسقۇچىدىن سوڭرە ئوتتۇرىغا چىققان. ئافرىقا ئەللىرى قىسمەن 1881-1914 يىللاردىكى ئافرىقا تالانى ئەسناسىدا شەكىللەنگەندۇر.




































Tags:

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىسىنگال تىلىئاچچىقسۇئىتاليان تىلى1949 - يىلىخوجىنىياز ھاجى1991 - يىلىسۈرە مەسەدUyghur tiliتىبەت مىللىتىشۋېتسىيە تىلىبۇلغارىيە تىلىچىڭگىزخانتور جەمئىيىتىSankt-Pétérburg1913 - يىلىبانگلادېشئۆمەر موللا بەرداشئاخباراتچىلىقشەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىئوتئاڧرىقانچەجىن سۇلالىسىتۈرك تىلىساتۇرنتەيۋەنسىپرۇس1964 - يىلىMektepئۇيغۇرچەروزۋېلتمەھمۇد كاشغەرىيرۋاندائانارخىزمقۇددۇسچوڭ ئىسكىروپكالىئوناردو دىساپرىئوفرانسىيىگە قاراشلىق پولىنېزىيەموسكۋاكاسا1994 - يىلىغول ھۈجەيرەۋەيران بولۇشتىتان2002تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىباش بەت1919 - يىلىمۇقامچاغاتاي تىلىمۇھەممەد ئىمىن بۇغراماس قەدەملىك دۇنياۋىي سائەتئەمىر تېمۇرتۈركىي تىللارشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىئەركىنجان تۇراخۇن1974 - يىلى2015 - يىلىتۇپراق1935 - يىلىسىتالىنپۇل پاخاللىقى25- قەھرىتانKornwél🡆 More