ياۋرافراسىيا، ئاۋراسىكا، ئافرىقا-ياۋروئاسىيا ياكى ئافرو-ياۋراسىيا ئافرىقا ۋە ياۋروئاسىيانى بىر قىتئە دەپ ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇدۇر.
بۇ ەەۋدىنى تەشكىل قىلغان قىتئەلەر دۇنيا نۇفۇسىنىڭ 85% ىنى (تەخمىنەن 5.7 مىلىيارد كىشى) قاپلايدۇ. شۇنداقلا بۇ قىتئە كونا دۇنيا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
جۇغراپىيىلىك نوقتىدى، ئافرىقا ۋە ياۋروئاسىيا سۇۋەيىش قانىلى بىلەن بۆلۈنگەن. ياۋروئاسىيا بولسا ياۋروپا ۋە ئاسىيا دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن (گېئولوگىك بۆلۈنىشىدىن زىيادە مەدەنىيەت پەرقى يۈزىسىدىن بۆلۈنگەن).
بەئزى ئاكادېمىكلەر ياۋرافراسىيا دەپ تىلغا ئالماقتا، شۇنداقتىمۇ بۇ ئاتالغۇ كۆپ ئېتىراپ قىلىنمىغان. گېئوپولىتىكادا، ئافرىقا-ياۋروئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقى (بېرتانىيە ئاراللىرى، ياپونىيا ۋە ماداغاسقار قاتارلىق ئاراللار سىرتىدا) دۇنيا ئارىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پىلانىتنىڭ ئەڭ چوڭ ئارىلىدۇر.
كۆھنە دۇنيا ئافرىقا-ياۋروئاسىيا ۋە ئەتراپىدىكى ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
گئېلېوگىيىلىك ئاتالغۇلاردا، ئافرىقا-ياۋروئاسىيا، ئافرىقا ياۋروپاغا سوقۇلۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى قىتئە شەكىللىنىدۇ. بۇ ۋاقىئە تەخمىنەن كۈنىمىزدىن 600 مىڭ يىل سوڭرە، ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىي چوققىلىرى بىلەن ئافرىقىنىڭ ئۇچرىشىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. بۇ ئىش يۈز بەرگەندە، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى، ئاتلانتىك ئوكياندىن ئايرىلىدۇ. ئافرىقىنىڭ بۇنىڭدىن 50 مىلىيون يىل ئىچىدە تامامەن سوقۇلىشى بىلەن، ئاقدېڭىزنىڭ يوقىلىشى ۋە يېڭى تاغ تىزمىلىرىنىڭ (ئالپىس تاغ تىزمىسىغا قوشۇلۇپ) مەيدانغا چىقىشى كۈتۈلمەكتە.
ئافرىقا | ئانتاركتىدا | ئاسىيا | ياۋروپا | ئوكيانىيە | شىمالىي ئامېرىكا | جەنۇبىي ئامېرىكا | |||||||||||||||||||||
ئافرىقا-ياۋروئاسىيا | ئامېرىكا | ياۋروئاسىيا | ئاۋسترالىيە | ||||||||||||||||||||||||
گئېولوگىك قىتئەلەر گوندىۋانا • لاۋراسىيا • پانگېئا • پانوتيا • رودىنايا • كولومبىيە • كېنورلاند • نېئا • ئۇر • ۋالبارا | |||||||||||||||||||||||||||
ئەپسانەۋىي قىتئەلەر ئاتلانتىس • كەرگۇئەلەن يايلىقى • لەمۇرىيە • مۇ • تەررا ئاۋۇسترالىس • زېئالاندىيە |
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئافرىقا-ياۋروئاسىيا, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.