رامازان ئېيى (ئەرەبچە: رمضان)، ماھى رامازان، رامىزان ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ھىجرىيە تەقۋىمى بويىچە يىلنىڭ 9- ئايىدۇر. ئىسلام ئىتىقادىغا كۆرە بۇ ئايدا ھز. مۇھەممەد (س.ئە.ۋ) گە قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىغان ئايدۇر. بۇ ئايدا مۇسۇلمانلار ئىسلامنىڭ بەش رۇكنىدىن بىرى بولمىش روزا تۇتۇش ئىبادىتىنى بەجا كەلتۈرىدىغان ئايدۇر. رامىزان ئېيى بىر تۈرلۈك ئاي تەقۋىمى بولغان ھىجرىيە كالىندارىغا كۆرە بەئزىدە 29، بەئزىدە 30 كۈن كېلىدۇ.
رامازان، "رامازا" (بەك ئىسسىق بولۇش) يىلتىزىدىن كېلىپ چىققان. بۇنىڭ ۋەجى بەلكىم رامازان روزاسى تۇنجى يولغان ۋاقىتلاردا ياز كۈنلىرىگە ئۇدۇل كەلگەن بولىشىدىن بولسا كېرەك.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article رامازان, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.