يەر ياڭىقى بولسا ئۆسۈملۈك يەر ياڭىقى (خۇاسىڭ ) نىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ«يەر ياڭىقى يېغى» ياكى «خاسىڭ يېغى» نامىدا دورىغا ئىشلىتلىدۇ.
بەدەننى قۇرۇتۇش، مەنى پەيدا قىلىش، ئوزۇقلۇق بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئۇيغۇرچە نامى | يەر ياڭىقى |
---|---|
ئىنگلىزچە | Peanut |
تەبىئىتى | ئىككىنچى دەرىجىدە ئىسسىق. ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق |
خەنزۇچە ئاتىلىشى | 花生 |
---|---|
پارسچە نامى | چىنى بادام |
ئوردۇچە نامى | رەۋغىنى مۇنىكى كى پول |
يەر ياڭىقى بولسا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك يەر ياڭىقى (خۇاسىڭ ) نىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ«يەر ياڭىقى يېغى» ياكى «خاسىڭ يېغى» نامىدا دورىغا ئىشلىتلىدۇ. بۇ دەسلەپتە جۇڭگودا تېرىلىپ ئۆستۈرۈلگەن، كېيىن چەت ئەللەرگە تارالغانلىقى ئۈچۈن (جۇڭگو بادىمى) ، خەلىق ئارىسىدا يەر ياڭىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا تېرىپ ئۇستۇرىلىدۇ، يەنە شەرقى ياۋرۇپا، شىمالى ئافرىقا، ھىندىستاننىڭ جەنۇبى قاتارلىق چەت ئەللەردىن چىقىدۇ.
باھنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ئەسەپلەرنى قۇۋەتلەش، بەدەننى قۇرۇتۇش، مەنى پەيدا قىلىش، ئوزۇقلۇق بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا.
(1) قان توختىتىش تەسىرى، يەر ياڭىقى مېغىزىنى يىگەندىن كېيىن قاناشقا مائىل كىسەللىكى بىلەن ئاغرىغان ئاغرىقلاردىكى قاناش ئەھۋالىنى ياخشىلايدىغانلىقى دەسلەپتىلا مەلۇم بولغان، كېيىن مەلۇم بولۇشىچە ، پەقەت A تىپلىق قاناشقا كىسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلارغا ئۇنىمى بولۇپ قالماسدىن ، بەلكىB تىپلىق قاناش مائىللىقى كىسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى ئېنىقلاندى، باشقا قاناشلارنىمۇ توختىتىدۇ، ئېغىر ھالدىكى قاناشقا نىسبەتەن ئۈنىمى نىسبەتەن تۆۋەنرەك، يەر ياڭىقى مېغىزى پوستىنىڭ قاناشنى توختىتىش ئۇنىمى يەر ياڭىقى مېغىزىنىڭ ئۇزىدىن 50 ھەسسە ئارتۇق، قورۇلغاندىن كېيىن كۇچى 20 ھەسسە تۇۋەنلەيدۇ .
(2) باشقا تەسىرى : خۇاسىڭ مېغىزىدا ئاسان پەيدا بولىدىغان سېرىق ئېچىتقۇچى باكتىريە زەھىرى Aspergillus flavus جىگەر راكى پەيدا قىلىدۇ .
ئۇرۇقىدا % 40 ـ 50 ئەتراپىدا مايلىق ياغ، %30 ـ 20 گىچە ئازۇتلۇق ماددىلار،%21 ـ 8 گىچە كىراخمال،تالالىق ماددىلار، سۇ، كۇل ماددىسى ۋە ۋىتامىن قاتارلىق ماددىلار بار.
1.يەر ياڭىقى مېغىزىنى ئادەتتە يىيىشكە ئىشلىتىپلا قالماي،بەلكى ياغ چىقىرىپ تۇرمۇشدا، داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. چۇنكى ئۇنىڭ يېغى زەيتۇن يېغىنىڭ ئورنىنى باسالايدۇ، يەر ياڭىقىنىڭ بەدەنگە بېرىدىغان قۇۋىتى ياڭاق مېغىزىنىڭ بېرىدىغان قۇۋىىدىن قېلىشمايدۇ، چۇنكى بۇنىڭ تەركىبىدە كىراخمال، فوسفۇر،ۋىتامىن ۋە باشقا پايدىلىق ماددىلار مول .
2. يەر ياڭىقى يېغى بىلەن تاماق ئېتىپ يېسە، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. سەمرىتىدۇ، بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك يەر ياڭىقىنىڭ ئۇرۇقى.
10-15 مىللىلىتىر.
قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ .
زەنجىۋىل، زىرە.
بادام مېغىزى، زەيتۇن يېغى.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article يەر ياڭىقى(خاسىڭ), which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.