ياز، ئەڭ ئىسسىق، ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىنىڭ ئوتتۇرىدىكى بىر پەسىلدۇر.
شىمالىي يېرىم شاردا ئەڭ ئۇزۇن كۈنلەر يازدا كۆرۈلىدۇ. نورمالدە سەڧەر، چىللە، تومۇز ئايلىرى (ئىسسىق كۈنلەر 21- ئىيۇندىن 22- سىنتەبرغىچە)، جەنۇبىي يېرىم شاردا كۆنەك، قەھرىتان، ھۇد (ئىسسىق كۈنلەر 22- دېكابردىن 21- مارتقىچە) ياز پەسلى دەپ قارىلىدۇ.
ياز پەسلى ئادەملەر، تەبىئەتنىڭ نۇرغۇن گۈزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىش پۇرسىتى تاپىدۇ. ئىنسان سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولغان سۆڭەكلەرنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ۋىتامىن D، قۇياش نۇرىدىن ئېلىنىدۇ. يازدا ئىنسانلار قۇمغا كۆمىلىدۇ. ئىمكان تاپسا تېرە ۋە بەزى كېسەللىكلەرگە پايدىلىق بولغان دېڭىزغا كىرىدۇ. كۈنگە قاقلىنىش رېماتىزىم كېسەللىرى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. قۇياشنىڭ كۈچلۈك تەپتى نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى يوقىتىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ. مېۋە - چىۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ ئەكسەرى بۇ پەسىلدە يېتىشىدۇ. بۇغداي، ئارپا، قۇناق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى يۇرتىمىزدا ياز پەسلىدە تەييار بولىدۇ.
يۇرتىمىزدا ئەڭ ئىسسىق يەر تۇرپان ئويمانلىقى بولۇپ يەر ھارارىتى بەئزىدە 70 گرادوسقىچە كۆتۈرىلىدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ياز, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.