ئەتىياز

ئەتىياز (ئەرتە+ياز=ئەرتەياز\ئەتەياز\ئەتىياز؛ بالدۇرقى ياز دېگەنلىك بولىدۇ) ياكى باھار، قىش ۋە ياز پەسىللىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر پەسىلدۇر.

شىمالىي يېرىم شاردا نورۇز، ئۈمىد ۋە باھار ئايلىرى ئەتىياز پەسلى دەپ قارىلىدۇ.

ئەتىياز
باھارنىڭ كېلىشى بىلەن چېچەكلىگەن گلاس دەرىخى

ئەتىياز پەسلىدە دەل دەرەخلەر بىخ سۈرۈپ، ئوت چۆپلەر ئۈنىشكە باشلايدۇ. گۈللەر تۇنجى چېچەكلىرىنى ئاچىدۇ. قىشتىن قالغان قارلار ئېرىپ، ئەگىز سۈيى، ياغقان باھار يامغۇرلىرى بىلەن بىرگە سۇلار كۆپىيىشكە باشلايدۇ. كۆلچەك ۋە كۆللەر، سۇ ئامبارلىرى سۇغا تولىدۇ.

بېدىلەر چىقىپ كۆك چۆچۈرىسى يېيىلىدۇ. شۇڭا بۇ پەسىل بەئزىدە كۆك پەسلى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھاۋارايى نىسبەتەن تۇراقسىز بولۇپ، بەئزىدە ئەتىيازنىڭ قاق ئوتتۇرسىدا ئۈششۈك، قار ئارىلاش يامغۇر، ياكى مۆلدۈر چۈشىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. بۇ تۈر تەبىئەت ھادىسىلىرى دېھقانلارغا كۆپ زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

ئەتىياز
ئەتىيازنىڭ خەۋەرچىسى گۈل - چېچەكلەر

يۇرتىمىزدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى شىمالىغا نىسبەتەن بالدۇرراق باھار بىلەن تونىشىدۇ. شەرقىدىكى تۇرپان قۇمۇل ۋادىسى بولسا ھەممىدىن بۇرۇن ئىللىشقا باشلايدۇ.

كىشىلەردە تۈرلۈك ھاۋارايىغا باغلىق زۇكام ۋە باشقا كېسەللىكلەر كۆپىيىدۇ.

قاراڭ

Tags:

ئۈمىدباھارنورۇز

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

يېۋروپىي1882 - يىلىفىتورسىتالىنÉnsklopédiyeفىزىكا23- ھۇدئۆزبېك مىللىتى1967چوكانوۋىيالئوترار18- ھۇدBritani Kolumbiye1997ۋېنىسىيە تىلى7- فېۋرال10- فېۋرال19791961 - يىلىئىنگلىز تىلىئۈرۈمچى شەھىرىئورتاق تىلئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىمارسئىۋاتە ناھىيىسى2024ئەرەب تىلىمىسىر1914 - يىلى2018 - يىلى19541908 - يىلىشۋېتسىيەكومپارتىيە خىتابنامىسىفرانسىيە مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسىجورج ۋولكېر بۇش1810 - يىلىھىندونېزىيەمەھمۇد كاشغەرىي3- فېۋرالئاتۇش شەھىرىيەكەن ناھىيىسىكرىل ئۇيغۇر يېزىقى1999 - يىلىقۇياش سىستېمىسىFlorénsaمەشغۇلات سىستېمىسى9- فېۋرالتور (ئىنتېرنېت)1996 - يىلى28- قەھرىتان2009 - يىلىباشبەت1942 - يىلىرەغايىب كېچىسىدۆلەتزەمبۇرۇغياڭ جىيەنTuwaluبيكاتشوچىڭگىزخانئۇيغۇر ئېلىپبەسىپورتۇگال تىلى6 - فېۋرالدىسپروزىي6- فېۋرالكۇرد تىلى🡆 More