قىش، يىلنىڭ تۆرت پەسىلىدىن بىرى ۋە كۈز بىلەن ئەتىياز پەسلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەسلىدۇر.
زېمىستان قىش دەپ تەرىپلىنىدۇ. شىمالىي يېرىم شاردا كۈنەك، قەھرىتان ۋە ھۇد ئايلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. يىلنىڭ ئەڭ سوغۇق كۈنلىرى بۇ پەسلىدە ياشىنىدۇ. ھاۋا نۆلدىن تۆۋەن بولۇپ مۇز قاتىدۇ، قار ياغىدۇ.
مەملىكىتىمىزدە قىش دەستلەپتە سىبىرىيەگە يېقىن بولۇشى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ شىمالى، بولۇپمۇ ئالتاي ۋىلايىتىدە باشلايدۇ ۋە جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ. ئالتاي ۋە تەڭرىتاغنىڭ يۈكسەك قىسىملىرىدا قىش نىھايەتتە قاتتىق ئۆتىدۇ. قىش كۆرمەيدىغان يېرىمىز يوق.
قىش كىرىشى بىلەن سۇلار تۇڭلاپ، قارلار ياغىدۇ، ھەتتا شىۋىرغانلىق ھاۋارايى بۇ پەسىلدە كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋەجدىن ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق بولىدۇ. ئىنسانلار ئىگنىنى تېخىمۇ قېلىن كىيىملەرگە ئالماشتۇرىدۇ.
قىشتا قار ياخشى ياغسا كېلەچەك يىل مول ھوسوللۇق ئىچىدە ئۆتىشىگە ئىشىنىلىدۇ. ھەم قار كۆپ يەرلەردە مەخسۇس قار تېيىلىش مەيدانلىرى ياسىلىپ قىشلىق ساياھەت قانات يايدۇرۇلىدۇ.
مىلادى يېڭى يىل شىمالىي يېرىم شاردا قىشتا كۈتىۋېلىنىدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article قىش, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.