18 - ئەسىر | 19 - ئەسىر | 20 - ئەسىر 1801 1802 1803 1804 1805 1806 1807 1808 1809 1810 1811 1812 1813 1814 1815 1816 1817 1818 1819 1820 1821 1822 1823 1824 1825 1826 1827 1828 1829 1830 1831 1832 1833 1834 1835 1836 1837 1838 1839 1840 1841 1842 1843 1844 1845 1846 1847 1848 1849 1850 1851 1852 1853 1854 1855 1856 1857 1858 1859 1860 1861 1862 1863 1864 1865 1866 1867 1868 1869 1870 1871 1872 1873 1874 1875 1876 1877 1878 1879 1880 1881 1882 1883 1884 1885 1886 1887 1888 1889 1890 1891 1892 1893 1894 1895 1896 1897 1898 1899 1900
19- ئەسر، مىلادى تەقۋىم بويىچە 1- قەھرىتان 1801 — 31- كۆنەك 1900- يىللار ئارىسىدىكى يۈز يىللىق بىر زامان تىلىمىدۇر.
پورتۇگالىيە، ئوسمانلى - يىلى| ۋە چىڭ ئىمپېرىيىسى - يىلى| چۆكۈشكە باشلىغان، بابۇر ۋە مۇقەددەس جېرمان ئىمپېرىيىسى گۇمران بولغان دەۋىردۇر.
ناپولىئون ئۇرۇشلىرىدىن سوڭرە، بىرتانىيە ئىمپېرىيىسى، دۇنيا نۇڧۇسىنىڭ 1/4 ىنى، يەر يۈزىنىڭ 1/3 گە ھاكىم بولۇپ، دۇنيا رەھبەر كۈچى ھالىغا كەلدى.
ۋەتىنىمىزدە خوجىلار دەۋرى داۋام ئەتكەن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ قايتا ئىستىلاسىغا دۇچ كەلگەن. جەنۇبتا قۇشبېگى ياقۇب بەگ 1866- يىلى قەشقەرنى مەركەز قىلغان قەشقەرىيە — يەتتە شەھەر دۆلىتىنى قۇرۇپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە زاۋال تاپتى.
19- ئەسر ئەينى زاماندا يېڭى ئىجاد ۋە كەشڧىياتلار بىلەن بىرگە مۇسبەت ئىلىملەردە كۆرىنەرلىك ئىلگىرلەشلەرگە سەھنە بولغان. تىبابەت، ماتېماتىكا، ڧىزىكا - يىلى|، خىمىيە، بىئولوگىيە، ئېلېكترىك ۋە مېتاللوروگىيە قاتارلىق ساھەلەردە كەلگۈسى يۈزيىلنىڭ تېز سۈرەتتە تەرەققىي قىلغان تېخنولوگىيەلىك - يىلى| يېڭىلىقلارنىڭ ئۇلى سېلىنغان يۈز يىل.
تۆمۈريول تۇشۇش ئىشلىرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن يېتىپ كەلگەن سانائەت ئىنقىلابى بىلەن بىرگە نۇرغۇن ئەلدە شەھەرلىشىش ھەرىكىتى باشلانغان ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇن چوڭ شەھەرنىڭ نۇڧۇسى، بۇ دەۋىردە بىر مىلىيوننىڭ ئۈستىگە چىققان. بۇ ساھەدە تىبابەت ساھەسىدەكى ئىلگىرلەشلەر ھەم تەسىلىك بولغان. دۇنيادا ھەنۇز بايقالمىغان رايونلار (ئانتاركتىدا ۋە ئاركتىكانىڭ ئۇلاشماق تەس يەرلەردىن باشقا) بايقالغاندۇر ۋە 1890 لەردا دۇنيانىڭ نازۇك ۋە ئىنچىكە خەرىتەسى ئوتتۇرغا قويىلىشىغا ۋەسىلە بولغان.
بۇ ئەسردە قۇلدارلىق تېز سۈرئەتتە يىمىرىلگەن. ھايتى قۇللار ئىسيانىدىن سوڭرە بېرىتانىيە ئىمپېرىيىسى، دېڭىزلاردىكى ئەگەمەنلىكىدىن ڧايدالانىپ دۇنيا مىقياسىداكى قۇل تىجارەتىنى توختىتىشقا تىرىشقان. بېرىتانىيە 1834 تە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، ئىچكى ئۇرۇشقا ئۇلاپلا 1865 تە، برازېلىيە ئىسە 1888 دە قۇللۇقنى قالدۇرغان. ئەينى شەكىلدە رۇسىيە تۇپراقلىرىدىمۇ قۇللۇق ئاخىرلاشقان.
بۇنىڭدىن باشقا، مىللەتچىلىك ئىدىيسى گۈللەنگەن، كۆپچىلىك ياۋروپا مىللەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ زامانەۋىي مىللىي دەۋلەتلەرىنى قۇردى، ھەمدە ئۆز مىللىتى ۋە دەۋلەتىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەتىنى قوغداشقا باشلىدى.
ئىجتىمائىي تۈزۈم ھەققىدە، چوڭ مىقياسدىكى ئىجتىمائىي توقۇنۇشلار يۈز بەردى، سوتسىيالىزىم كۈنسايىن كېڭىيىشكە باشلادى ۋە بىر ئەسرلىك سوغۇق ئۇرۇشنىڭ مۇسەبىبىبى بولمىش ماركىسىزم ئىنتايىن مەشھۇر.
سەنئەت ساھەسىدە، ئۆتكەن ئەسر مودا بولغان كلاسسىك سەنئەت پەرسلىكنىڭ ئورنىغا رومانتىزم ئالماشتى، كېيىنچە ئىلىم پەن ۋە سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن، ياۋروپادا ماتېرىيالىزىمچىلىق كۈچەيىشكە باشلادى،
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article 19 - ئەسىر, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.