قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەر
ئىسلام |
نۇھ پەيغەمبەر (ئەرەبچە: نوح، ئىبرانىيچە: נוֹחַ ياكى נֹחַ; Noah ياكى Noaχ) ئىبراھىمىي دىنلەردە ۋە ماندائىزىمدە تىلغا ئېلىنىدىغان توپان پەيغەمبەرىدۇر. تەۋراتتا نۇھنىڭ 950 يىل ياشىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. قۇرئاندا بولسا قانچە يىل ئۆمۈر سۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلمىگەن، ئەمما نۇھ پەيغەمبەرنىڭ 950 يىل قەۋمى ئارىسىدا ياشىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ''ئۇمۇ 50 يىل كەم مىڭ يىل ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشىدى (سۇرە ئەنكەبۇت: 14- ئايەتنىڭ بىر قىسمى). ئىنسانىيەتنىڭ 2- ئاتاسى دەپ قارىلىدۇ.
تەۋرات ۋە قۇرئاندىكى ھەزرىتى نۇھنىڭ يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىپادىلەر بابىل ۋە سومېرلارنىڭ توپان قىسسىلىرى (گىلگامىش داستانى) دىكى زىۇسۇدرا& ئۇتناپىشتىم خاراكتېرلىرى بىلەن چوڭ جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مىسسوپوتامىيەدە ئاۋامغا چوڭقۇر تەئسىر قىلغان بىر سەل پالاكىتى ئۈستىگە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە خەلقنىڭ مىڭىسىگە ئورناشقان داستانلارنىڭ ئىبرانىلەرنىڭ بابىل سۈرگۈنى قايتىشىدا يېزىلغان تەۋرات نۇسخىلىرىدا بايان قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
تەۋراتقا كۆرە ھەزرىتى نۇھىنىڭ نەسەبى
ئادەم - شىس - ئەنوش - كەنئان - ماھالالەل - يارەد - ئەنوھ - مەتۇسەلاھ - لامەھ - نۇھ - ھام، سام، ياڧەس
ئوغۇللىرى ۋە ئاساسىي ئىرىقلار:
تەكۋىنغە كۆرە نۇھنىڭ 3 ئوغلى باردۇر ۋە ئۈچ ئوغلىنىڭ ئۈچ ئاساسىي ئىرقنىڭ ئاتىسىدۇر.
ئىسلام ئەنئەنىلەرىدە ھەزرىتى نۇھ بىلەن ھەزرىتى ئىبراھىم ئوتتۇرسىدا 950 يىل پەرق باردۇر دەپ قارىلىدۇ. قۇرئاندا نۇھ ئەلەيھىسسالام مۇئمىنۇن سۇرەسى، ئەنكەبۇت سۇرەسى 14. ئايەت ۋە نۇھ سۇرىسىدە ئوخشاشىپ كېتىدىغان ئىپادىلەر قوللىنىلغان.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article نۇھ ئەلەيھىسسالام, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.