كەئبە (ئەرەبچە: الكعبة المشرفة، كەئبەئى شەرىڧ، كەئبەئى مۇئەززەمە)، كۈللى مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى.
مەككە شەھرىگە جايلاشقان، كۇب شەكلىگە يېقىنراق بىر ئىبادەت يېرىدۇر. ئىسلام دىنىنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ مۇقەددەس يېرى قەبۇل قىلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئەتراپىنى مەسجىدى ھەرەم ئوراپ تۇرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە كەئبەئى مۇئەززەمەنىڭ ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن راۋاقلىرى بىلەن قۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
يەر يۈزىدىكى جىمى مۇسۇلمانلار، قەيەردە بولمىسۇن، نامازلىرىنى كەئبەگە قاراپ ئوقۇيدۇ. كەئبىنى كۆرسىتىدىغان يۆنىلىشكە قىبلە دېيىلىدۇ. ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىي شەرتىنىڭ بىرى بولمىش ھەج ۋاقتىدا كەئبە پەرز بولغان زىيارەت تاۋاڧى ۋە ۋاجىب بولغان ۋىدا تاۋاڧى بىلەن كەمىدە ئىككى كەرە تاۋاڧ قىلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا تاۋاڧلار بولسا سۈننەتتۇر. تاۋاڧ (ئۈستىدىن قارىغاندا) سائەت يۆنىلىشىنىڭ تەتۈرسىگە ھەجەرۇل ئەسۋەد بۇرجىسىدىن باشلاپ كەئبىنىڭ ئەتراڧىدا يەتتە قېتىم تولۇق ئايلىنىلدۇ. تاۋاڧ ۋاقتىدا ئايلانغان ھەر بىر ئايلىنىشقا ئىسە بىر شەۋت دېيىلىدۇ. تاۋاڧ شۇنداقلا ئۆمرەنىڭمۇ شەرتلىرى ئارىسىدىدۇر. ھەج ۋاقتىدا تەخمىنەن 6 مىلىيون ھاجى توپلىنىپ بىر كۈندە تەۋاڧ قىلىدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article كەئبە, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.