بۇددا دىنى

بۇددا دىنى

ساكيامونى بۇ دىننىىڭ ياراتقۇچىسى

بۇددا دىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅲ ئەسىردە ھىندىستاندا گائۇتاماسدخارتا دېگەن كىشى تەرىپىدىن يارىتىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅰ ئەسىردىن بۇيان ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىشقا باشلىغان، Ⅳ ئەسىرگە كەلگەندە ھازىرقى شىنجاڭ رايونى دائىرىسىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشقان، بۇددا دىنى ئىچكى ئۆلكىلەرگىمۇ شىنجاڭ ئارقىلىق تارقالغان. ئەجدادلىرىمىز بۇددا دىنىغا ئىخلاس بىلەن ئېتىقاد قىلغاچقا، Ⅹ ئەسىردىن بۇرۇنلا خوتەن، كۇچا، قوجۇ (تۇرپان) غەربىي يۇرت بويىچە بۇددا دىنى مەركەزلىرىدىن بولۇپ قالغانىدى، بۇددىزىم پەلسەپە ئىدىيە - كۆز قاراشلىرى، ئەدەبىيات - سەنئەتنىمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىگە كەڭ تارقالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا ھەيكەلتىراشلىق، نەققاشلىق، رەسساملىق، مىمارچىلىق زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، يەرلىك ئالاھىدىلىك بىرلەشكەن مىڭئۆي سەنئىتى، ئىبادەتخانىلار ئاساس قىلىنغان مىمارچىلىق شەكىللىنىپ راۋاجلاندى. تىل - ئەدەبىيات ساھەسىدىمۇ زور تەرەققياتلار بارلىققا كەلدى، ئۆز دەۋرىدە بۇددىزىمنىڭ ئاساسلىق نوملىرى (كىتابلىرى) ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۇيغۇر راھىپلىرى بۇددىزىمنىڭ بەزى نوملىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ خەنزۇ راھىپلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئۆز دەۋرىدە، بولۇپمۇ قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بۇددا دىنى گەرچە دۆلەت دىنى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ، مانى دىنى ئىككىنچى چوڭ دىن سۈپىتىدە بۇددا دىنى بىلەن ئۇزۇن بىر مۇددەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. ئەجدادلىرىمىز مانى دىنىغىمۇ ئۇزۇن مۇددەت ئېتىقاد قىلغانلىقى، كېيىن شىمالدىن كۆچۈپ كەلگەنلەرمۇ مانى مۇرتلىرىدىن بولغانلىقى تۈپەيلى مانى دىنى بىلەن بۇددا دىنىنىڭ بەزى قاراش - ئەھكاملىرى مەلۇم دائىرىدە ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ سىڭىشكەن. شۇڭا قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەلىكىدىكى بەزى بۇدا مەزھەپلىرى مانى دىنى تۈسىنى ئالغان.

پايدىلانغان مەنبەلەر

Tags:

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

2022بېلگىيەمىسىردۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى1989نورفوك ئارىلى1978 - يىلىبانگلادېش1960 - يىلىئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىلىئوناردو دىساپرىئويەر شارىمىسÉnsklopédiye24- ئۈمىدئىقتىسادچوڭ ئىسكىروپكاTallinجۇاڭزۇ مىللىتى1988 - يىلىنىئون گازىشىمالىي ئامېرىكىلىقئاستۇرىيە تىلىتۇپراقУйғур тилиشىفىرلىق پۇللار تىزىملىكىجىن سۇلالىسىباش بەتئەدەبىيات2020 - يىلىھىندىستانفىلىپپىنروزۋېلتتور (ئىنتېرنېت)دېموكراتىيەئوت29 - دېكابرشەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىغۇلجا شەھىرىبىنەپشە رەڭدېڭ شياۋپېڭCSSشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىگىرامماتىكاخوجىنىياز ھاجىتىتانسۈرە مەسەدئانارخىزمپاراشۇتلۇق سەكرەش تەنھەرىكىتى1979ئەۋلىيا يېزىسى5- فېۋرالكەبىسە يىلى5 - ئاۋغۇستۋىكىپېدىيە ۋەخپى8- فېۋرال1788 - يىلى1919 - يىلىۋاسكېتبولگېلىيKwébékيىللارغا جاۋاپلىۋانسىنگال تىلىچارشەنبە1790 - يىلىيەر ئوتتۇرا دېڭىزى🡆 More