ئۇيغۇر تىلىدا جەمئىي 32 تاۋۇش، 32 ھەرپ بار.
ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
ئا | ئە | ب | پ | ت | ج | چ | خ | د | ر | ز | ژ | س | ش | غ | ف | ق | ك | گ | ڭ | ل | م | ن | ھ | ئو | ئۇ | ئۆ | ئۈ | ۋ | ئې | ئى | ي |
تىلىمىزدىكى بۇ 32 تاۋۇش ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچراش ياكى ئۇچرىماسلىقىغا قاراپ، سوزۇق تاۋۇشلار ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلار دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمى تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچراش ئارقىلىق ئۈزۈپ ئېيتىلىدىغان تاۋۇشلار ئۈزۈك تاۋۇشلار دەپ ئاتىلىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا جەمئىي 24 ئۈزۈك تاۋۇش بار. ئۇلار:
ب | پ | ت | ج | چ | خ | د | ر | ز | ژ | س | ش | غ | ف | ق | ك | گ | ڭ | ل | م | ن | ھ | ۋ | ي |
ئۈزۈك تاۋۇشلار تاۋۇش چىقىرىش ئورنى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىترەش-تىترىمەسلىكى جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىترەش-تىترىمەسلىكى جەھەتتىن بۆلۈنۈشى | تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن بۆلۈنۈشى: | تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن بۆلۈنۈشى: | ||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار | ب، ج، د، ر، ز، ژ، غ، گ، ڭ، ل، م، ن، ۋ، ي، ھ | قوش كالپۇك تاۋۇشلىرى | ب، پ، م | پارتلىغۇچى تاۋۇشلار | ب، پ، د، ت، گ، ك، ق | |||||
جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار | پ، ت، چ، خ، س، ش، ف، ق، ك | چىش كالپۇك تاۋۇشلىرى | ف، ۋ | پارتلىغۇچى – سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلار | ج، چ | |||||
تىل ئۇچى ئالدى چىش تۈۋى تاۋۇشلىرى | ت، د، ن، ر، ل | سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلار | ف، ۋ، س، ز، ژ، ي، غ، خ، ش، ھ | |||||||
تىل ئۇچى ئالدى چىش تاۋۇشلىرى | س، ز | دىماق تاۋۇشلىرى | م، ن، ڭ | |||||||
تىل ئۈستى ئالدى قاتتىق تاڭلاي تاۋۇشلىرى | ج، چ، ش، ز | قوۋۇز تاۋۇشى | ل | |||||||
تىل ئۈستى ئارقا قاتتىق تاڭلاي تاۋۇشلىرى | گ، ك، ي | تىترىگۈچى تاۋۇش | ر | |||||||
تىل تۈۋى يۇمشاق تاڭلاي تاۋۇشلىرى | ق، ڭ، خ، غ | |||||||||
بوغۇز تاۋۇشى | ھ | |||||||||
ئۇيغۇرچە گرامماتىكا | |||||||||||
|
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئۈزۈك تاۋۇش, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.