ئۇنىۋېرسىتېت (باشقىچە ئاتىلىشى: بىلكان، ئىلكان؛ ئېنگلىزچە: University، يۇنىۋېرسىتي؛ ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 大学، داشۆ) ئالى بىلىم ۋە تەتقىقات يۇرتىدۇر.
ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلانى يېتىشتۈرۇپ جەمئىيەتكە ۋە خىزمەتكە ھازىرلىق سالدىغان، باكلاۋىرلىق، ماگىسترلىق، دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانى تارقىتىدىغان، ھەرخىل تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئاقىللار ۋە بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ توپلاشقان، بىلىم تارقىتىدىغان، پۈتۈن ئىنسانىيەت كۈلتۈرى ۋە مەدەنيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ھارماي تەتقىقات ۋە تەپەككۈر قىلدىغان جايىدۇر. مەسلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دېگەندەك. ئۇنىۋېرسىتېت ئادەتتە ھەر قايسى پەنلەر ۋە ساھەلەر بويىنچە تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ ۋە كەسىپلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل كېلىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئادەتتە ستۇدېنت دېيىلدۇ.
ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان، لېكىن پەقەت مەلۇم بىر ساھە ياكى كەسىپكە قارىتلغان ئورگان ئىنستىتۇت دېيىلدۇ. مەسلەن سەنئەت ئىنستىتۇتى، ماسساچۇستېس تېخنىكا ئىنستىتۇتى، كالىفورنىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى (كالتەك).
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئۇنىۋېرسىتېت (ئالى مەكتەپ), which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.