پاسپورت دېگىنىمىز بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسىغا دۆلەت ھالقىپ چىگىردىن چىقىش ئۈچۈن بېرىلدىغان خەلقئارالاشقان كىملىك .
پاسپورت دېگىنىمىز بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسىغا دۆلەت ھالقىپ چىگىردىن چىقىش ئۈچۈن بېرىلدىغان خەلقئارالاشقان كىملىك .
جوڭگۇدا ھازىر تارقىتىلىۋاتقان پاسپورت 3 خىل بولۇپ:
1، شەخسىي پاسپورت (خۇسۇسىي پاسپورت)
2، ھۆكۈمەت ئىشلىرى پاسپورتى (شىركەت پاسپورتى، سودا ئىشلىرى پاسپورتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)
3، دېپلۇماتىيە پاسپورتى (ئالاھىدە پاسپورت يەنى كەچۈرۈم ھوقۇقى بار پاسپورت)
گىراژدانلارنىڭ ساياھەت، تۇغقان يوقلاش، چەتكە چىقىپ ئوقۇش، شەخسىي سالاھىيەت بىلەن بېرىپ كېلىپ تىجارەت قىلىش، چىگىر سىرتىدىكى مۈلۈككە ياكى مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش، توي تۆكۈن-نەزىر چىراق، ھەج تاۋاب …قاتارلىق قانۇنلۇق سەۋەبلەردىن چەتكە چىقىدىغانلارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى پۇخرالارنىڭ چېگرىدىن چىقىپ كىرىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى، يەنى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ئاستىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، مەمۇرىي رايون قاتارلىقلار پۇقرالارنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق (نوپۇس تەۋەلىكى) ئۆز تەۋەلىكىدىكى ج خ نازارىتى ياكى ئىدارىسى تارقىتىدۇ.
گىراژدانلارنىڭ سالاھىيتىگە قاراپ، ئاساسلىقى ھۆكۈمەت ئورگانلارنىڭ، ئادەتتىكى ۋە مەمۇرىي رەھبىرىي كادىرلار، ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى ھەرخىل ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە ئومۇم ئىگىدارچىلقىدا بولغان كان-كارخانىلار، ھەرخىل تەتقىقات ئورگانلىرى، مەكتەپ،خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىقىدىكى كان-كارخانىلار… دىن چەتكە چىقماقچى بولغان خادىملارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى دېپلۇماتىيە مېنىستىرلىكى ۋە مېنىستىرلىك ئاستىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە ، ئاپتۇنۇم رايۇن، مەمۇرىي رايۇن قاتارلىقلار پۇخرالارنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق (نوپۇس تەۋەلىكى) ئۆز تەۋەلىكىدىكى تاشقى ئىشلار(مۇھاجىرلار) ئىشخانىسى، ئىدارىسى تارقىتىدۇ.
دۆلەت ئىشلىرى بىلەن چەتئەلدە دائىمىي تۇرىدىغان، زىيارەتتە بولىدىغان، دۆلەتكە ۋەكىل خاراكتىرلىك پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانا، ئەلچىخانا خادىملىرى ھەمدە ھەرخىل خەلقئارا تەشكىلاتلاردا تۇرىدىغان، خىزمەت قىلىدىغان خادىملارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى دېپلۇماتىيە مېنىستىرلىكى تارقىتىدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article پاسپورت, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.