نىكولاي II بولسا 1868-يىلى روسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى سانت پېتىرىبۇرگ دا توغۇلغان.
روسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھىدۇر.
نىكولاي II | |
روسىيە ئىمپېرىيىسى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى نىكولاي II | |
ۋەزىپىدە | |
ۋەزىپىگە ئولتۇرغان | 1894-يىلى 1-نويابىر |
ۋەزىپىدىن قالغان | 1917-يىلى 15-مارت |
ئالدىنقى پادىشاھ | ئالىكساندىر III |
كىيىنكى پادىشاھ | پادىشاھلىق يىمىرىلدى |
شەخسىي ئۇچۇرلىرى | |
تۇغۇلىشى | 1868-يىلى 18-ماي سانت پېتىرىبۇرگ |
ۋاپاتى | 1918-يىلى 17-ئىيۇل ياكاتېرىنبۇرگ |
مىللىتى | رۇس |
دۆلەت تەۋەلىكى | روسىيە ئىمپېرىيىسى |
1914-يىلى نىكولاس II چاررۇسىيەنى باشلاپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غا قاتناشقان.
جەڭ ئەھۋالىنىڭ رۇسىيەگە پايدىسىز بولۇشى ۋە ئېغىر ئاچارچىلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى ئىزچىل كۈچىيىپ ماڭغان، ئاقىۋەتتە خەلق ئىنقىلابى قوزغالغان. 1917-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى چار پادىشاھ تەختتىن چۈشكەن.
1918-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى يېرىم كېچىدە ياكى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى تاڭ سەھەردە چار پادىشاھ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئونغا يېقىن كىشى بولشۋېك مەخپىي ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن كوللېكتىپ قەتلى قىلىنغان. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە كىسلاتا چېچىلغان، ئارقىدىن بېنزىن چېچىلىپ ئوت قويۇۋېتىلگەن.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article نىكولاي II, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.