خەلقئارالىق دىئابېت كېسەللىكى ئىشارىتى
دىئابېت كېسىلى |
---|
Diabetes mellitus |
دىئابېت كېسىلى (ئىنگ:Diabetes mellitus، خەنچە:糖尿病/تاڭنىياۋبىڭ) ياكى قەنت سىيىش كېسىلى، شېكەر كېسىلى دىگىنىمىز بەدەندىكى ئىنسۇلىن (Insulin ياكى 胰岛素 / يىداۋسۇ) دەپ ئاتالغان ئاشقازان ئاستا بېزى (Pancreas ياكى 胰腺) دە ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بىر خىل ھورمۇننىڭ كەملىكى ياكى يېتەرلىك خىزمەت ئۆتىيەلمەسلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكتۇر.
دىئابېت كېسىلى ئادەتتە ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ:
چوڭلاردا بولىدىغان دىئابىت كېسىلىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 2 - تۈردىكى دىئابېت كېسىلى بولۇپ، ئۇ پۈتۈن دىئابېت كېسىلىنىڭ 90% نى ئىگەللەيدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىپ بېرىشى، بالىلار ۋە ياشلار ئارىسىدىكى سېمىزلىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ 2 - تۈردىكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ يېشىمۇ كۈنسايىن ياشلاشماقتا.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2014 – يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 422 مىليۇن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئىكەن. دىئابېت كېسىلى ئەڭ تېز كۆپىيىۋاتقان دۆلەتلەر پاكىستان، مېكسىكا، مىسىر ۋە ھىندىستان ئىكەن. پۈتۈن دۇنيادىكى 18 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ 8.8% تىدە دىئابېت كېسىلى بار ئىكەن. ئافرىقىدىكى بېنىن دىئابېت كېسىلى ئەڭ ئاز دۆلەت بولۇپ، ھەر 1000 نوپۇس ئىچىدە ئاران 8 كىشى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن. دىئابېت كېسىلى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت تىچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان ناۋرۇ بولۇپ، ھەر 1000 نوپۇس ئىچىدە 241 كىشى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن.
ئادەتتە بىز ئىستىمال قىلغان يېمەكلىك ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ھەزىم بولۇپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق جىگەرگە بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە پارچىلىنىپ شېكەرگە ياكى گلىكوزىغا ئايلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن شېكەر ياكى گلىكوزا يەنە قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى گىلىكوزىنىڭ مىقدارى ئاشىدۇ. قاندىكى گلىكوزا مىقدارىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئاشقازان ئاستى بېزىدىكى بېتا ھۈجەيرىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە ھۈجەيرىلەر يېتەرلىك مىقداردا ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىشقا باشلايدۇ. ئىنسۇلىن گىلىكوزىنى بەدەندىكى مۇسكۇل ھۇجەيرىلىرى قوبۇل قىلالىغىدەك دەرىجىدە پارچىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى گلىكوزا مۇسكۇل ھۇجەيرىسىگە كىرىپ، شۇ يەردە ساقلىنىدۇ ۋە مۇسكۇلنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا ئىھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئەگەر بەدىنىمىز ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقارمىغاندا، ياكى ئىشلەپ چىقارغان ئىنسۇلىن يېتەرلىك بولمىغاندا ۋە ياكى بەدىنىمىزدە ئىشلەپچىقىلغان ئىنسۇلىن ئۈنۈملۈك خىزمەت ئۆتىيەلمىگەندە، گلىكوزا مۇسكۇلغا كىرەلمەيدۇ، يەنى بەدىنىمىز قاندىكى شېكەر ياكى گلىكوزىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى شېكەر ماددسىنىڭ ياكى گلىكوزىنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىپ ، سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. شۇڭا بۇ كېسەل شېكەر سىيىش ياكى قەنت سىيىش كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ.
چوڭلاردا بولىدىغان دىئابېت كېسىلى ناھايىتى ئاستا تەرەققى قىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزۇن يىللارغىچە ئۆزىدە دىئابېت كېسىلى بارلىقىنى بىلمەي يۈرىدۇ. دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر قىسىم كىشىلەردە دەسلەپتە پەقەتلا بىر ئاز ھارغىنلىق ھېس قىلىشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ. كېيىنچە كېسەل تەرەققى قىلىپ تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەردە يۇقارقى ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ياكى كۆپ قىسمى بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەردە پەقەت بىر قىسم ئالامەتلەر بولۇشى مۇمكىن. بەزىلەردە يۇقارقى ئالامەتلەر ئىلگىرى كېيىن بولۇپ كۆرۈلۈشى مۇمكىن، يەنە بەزى بىمارلاردا ئۇزۇن مۇددەتكىچە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەتلەر بولماسلىقى مۇمكىن.
ئەگەر دىئابېت كېسىلى ۋاقتىدا داۋالىتىلمىسا ياكى قاندىكى شېكەر ماددىسى ياخشى كونترول قىلىنمىسا تۆۋەندىكى ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
2- تۈردىكى دىئابېت كېسىلى ئاساسەن چوڭلاردا بولىدىغان بولۇپ، ھەرقانداق كىشىنىڭ بۇ خىلدىكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى بار. بىراق بەزى ئامىللار كىشىلەرنىڭ بۇ خىلدىكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ.
كىشىلەرنىڭ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتا بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۋېتىدىغان بۇ ئامىللار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
بۇرۇن 2 - تىپتىكى دىئابېت كېسىلى گەرچە ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر بالىلار ۋە ياشلار ئارىسىدىكى سېمىزلىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كۈندىن كۈنگە ياشلاشماقتا.
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، دىئابېت كېسىلى ھەرگىزمۇ شېكەر مىقدارى كۆپ بولغان تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقتىن بولغان ئەمەس، بىراق ئادەم ماي ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئاسان سەمىرىپ كېتىدىغان بولۇپ، يۇقىرىدا تەكىتلەپ ئۆتكەندەك سېمىزلىك كىشىلەرنىڭ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى.
دىئابېت كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇش ئانچە قىيىن ئەمەس بولۇپ، ئادەتتە ئاچ قورساق قان، تاماقتىن كېيىنكى 2 سائەت ئىچىدىكى قان ۋە سۈيدۈكتىكى شېكەر ماددىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. بۇ خىل تەكشۈرۈشلەرنى ئادەتتىكى دوختۇرخانىلاردىمۇ ئېلىپ بارالايدۇ. قاندىكى شېكەر مىقدارى ئۆزگۈرۈپ تۇردىغان بولۇپ، ئەگەر بىر قېتىملىق قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز ئىنىق بولمىسا، “شېكەرگە چىداملىق تەكشۈرۈشى” يەنە (Glocose tolerance test) دەپ ئاتالغان بىر خىل تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، دىئابېت كېسىلىنىڭ بار يوقلىقىغا دىئاگنوز قويۇش مۇمكىن.
دىئابېت كېسىلى داۋالاپ ساقايىتقىلى بولمايدىغان كېسەل بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇ كېسەلنى تولۇق داۋالاپ ساقايتالايدىغان ئۈنۈملۈك دورا يوق. بىراق دىئابېت كېسىلىنى مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىش ۋە داۋالاش ئارقىلىق پۈتۈنلەي كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە قانچىلىك ئىنسۇلىننىڭ بارلىقىغا، ۋە بەدەننىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ئىشلەپ چىقارغان ئىنسۇلىننى قانچىلىك دەرىجىدە ئىشلىتەلەيدىغانلىغىغا ئاساسەن، ئېلىپ بېرىلىدىغان داۋالاشمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
2- تۈردىكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بەزى كىشىلەر بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش، دىئابېت كېسىلىگە ماس كېلىدىغان تاماقلارنى ئىستىمال قىلىش يەنى تەركىبىدە شېكەر كۆپ بولغان ۋە تاكى تاتلىق يېمەكلىكلەردىن ناھايىتى ياخشى پەرھىز تۇتۇش، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئامال بار قاتتىق كونترول قىلىش، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق دىئابېت كېسىلىنى كونترول قىلىپ كېتەلەيدۇ. بەزى بىمارلار بولسا ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ياكى بەدەندىكى ئىنسۇلىننى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىگە ياردەم بىرىدىغان بەزى دورىلارنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق دىئابېت كېسىلىنى كونترول قىلالايدۇ. بىراق دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كۆپلىگەن كىشىلەر يەنىلا ئىنسۇلىن ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ دىئابېت كېسىلىنى كونترول قىلالايدۇ.
ئەلۋەتتە 1 - تۈردىكى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن داۋالشتىكى بىردىن بىر ئامال ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش بولۇپ، ئۇلار بىر ئۆمۈر ئىنسۇلىندىن ئايرىلالمايدۇ.
دىئابېت كېسىلىنى داۋالاشتا ئەڭ مۇھىم بولغان مەسىلە يېمەكلىككە بولغان پەرھىزنى ۋە داۋالاشنى بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇش بولۇپ، كېسىلىم ساقايدى دەپ داۋالاشنى ئۈزۈپ قويۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى قاندىكى شېكەر ماددىسىنى نورمال سەۋىيەدە كونترول قىلىش، قاندىكى شېكەر ياكى گلىكوزا مىقدارىنىڭ ئىگىز پەس بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بولمىسا كېيىنكى يامان ئاقىۋەتنى ھەرقانچە داۋالاپمۇ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.
دىئابېت كېسىلىنى داۋالاش باشقا كېسەللەرنى داۋالاشقا نىسبەتەن ئالاھىدىرەك بولۇپ، داۋالاشتا بىمارنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئوينايدىغان رولى دوختۇر بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ دىئابېت كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش، تەرەققى قىلىش ۋە داۋالاش جەريانىنى تولۇق چۈشىنىشى، داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دىئابېت كېسىلىنى ياخشى كونترول قىلىشتا بەكلا مۇھىم.
ئۇندىن باشقا دىئابېت كېسىلىنى داۋالاشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.
دىئابېت كېسىلىنى داۋالاشتا كۆپ ئىشلىتىدىغان دورىلار:
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article دىئابېت كېسىلى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.