پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.
ئۇرۇقى ئادەتتە سېرىق بولۇپ، ئۇنى ئىستېمال قىلىش، ماي تارتىش ۋە خىمىيە سانائىتىدە خام ئەشيا قىلىشقا بولىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
تەركىبى: ھەر 100 گرام دادۇر تەركىبىدە قەنتتىن 49 گرام، مايدىن 0.8 گرام، كالتسىيدىن 71 مىللىگرام، ئاقسىلدىن 28.2 گرام، ۋىتامىن B1دىن 340 مىللىگرام، ۋىتامىن B2 دىن 0.27 مىللىگرام، ۋىتامىن PP دىن 2.6 مىللىگرام بار.
خۇسۇسىيىتى: قان تەركىبىدىكى خولىستېرىننى تۆۋەنلىتىش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، ئورۇقلىتىش، داغ چۈشۈرۈش.
ئىشلىتىلىشى: دادۇرنى سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ، يۇمشاق سوقۇپ، باش ساھەسىگە سۈركەپ بەرسە، تاز يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. دادۇر پوستىنى قارا شېكەر بىلەن قاينىتىپ كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ساقلانغان كونا دادۇرنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ياكى دادۇر بىلەن تەكىيە كاۋا پوستىنى بىرگە قاينىتىپ ئىچسە، سۇلۇق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article دادۇر, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.