UYGHURCHE, ]
ئالتاي تىللىرى | |
جوغراڧىيەلىك تارقالىشى | شەرق، شىمال، ئوتتۇرا، غەربىي ئاسيا ۋە شەرقىي ياۋرۇپا |
سىنىڧىلاندۇرۇلىشى | ئالتاي |
ئاست گرۇپلار |
|
ئالتاي تىللىرى ئۇرال ئالتاي سېستىمىسى غا تەۋە ئىككى چوڭ تىل ئائىلىسىدىن بىرىدۇر. ئالتاي تىللىرى ياۋروپادىن ئوتتۇرا شەرققە ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىن يىراق شەرققىچە ئۇزانغان بۈيۈك بىر جوغراڧىيەدە قوللىنىلىدىغان تىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تىل تىل ئائىلىسىدۇر. ئالتاي تىللىرى تۈرك تىللىرى، موڭغۇل، مانجۇ-تونگۇس، ياپون ۋە كورىيە تىللىرىغا بۆلىنىدۇ.
بەئزى تىلشۇناسلار ئىستونىيەچە، ڧىنچە ۋە ماجارچە قاتارلىق ئۇرال تىللىرىنىمۇ بىر ئۇرال ئالتاي تىل ئائىلىسى پارچىسى سۈپىتىدە مەزكۇر ئالتاي تىللىرىنىڭ يىراق تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە بولسىمۇ، بۇ قاراش دۇنيا تىلشۇناسلىرى تەرىپىدىن رەسمىي قەبۇل كۆرۈلمەيدۇ.
تۈرك تىللىرى، بولۇپمۇ بۇگۈنكى تۈركى تىللار ناھايىتى ئۇزاق بولسىمۇ موڭغۇلچە، ياپونچە، ماجارچە، ڧىنچە قاتارلىق تىللار بىلەن باغلىنىشلىقتۇر.
سۈپەتلەر ئىسىملاردىن ئالدىن كېلىدۇ: قارا قەلەم، مېھرىبان ئاللاھ، جەسۇر خەلق.
ساننى بىلدۈرىدىغان سۆزلەردىن كېيىن كۆپلۈك قوشۇمچىسى قوشۇلمايدۇ: بەش قېرىنداش، مىڭبىر كېچە، قىرىق قاراقچى.
ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىنىڭ تارماقلىرى تۆۋەندىكىدەك:
مەنگىر، نەگىدال، ئوروقېن، سولون ئېۋېن (لامۇت) شەرقىي سىبىرىيەدە سۆزلىشىلىدۇ.
جورجىت، مانجۇ، شىبە
ئاكانى، بىرار، كىلە، ناناى (گولد، گولدى، خېجېن)، ئوروچ، ئوروك، ساماگىر، ئۇدەگە، ئۇلچ
قازان تاتارچەسى، قىرىم تاتارچەسى
خاكاس تۈركچەسى
تۈركىيە تۈركچەسى
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.