روۋان سەباستىيان ئاتكىنسون (ئىنگ: Rowan Sebastian Atkinson، ت.
1955- يىلى 6- قەھرىتان)، ئىنگىلىز كومېدى ئارتىسى ۋە يازغۇچى. BBC دە چىققان پۇرچاق ئەپەندى كومىدىيە تىزىقى بىلەن تونۇلغان.
ئۈچ قېرىنداشنىڭ كەنجىسى بولمىش روۋان ئاتكىنسوننىڭ ئاناسىنىڭ ئاتى ئەللا مېي، ئاتاسىنىڭ ئاتى ئىسە ئېرىك ئاتكىنسون ئېرۇر. ئوكسڧورد ئۇنىۋېرستېتى دراما ئۇيۇشماسىدا ئىتوتلار ئوينىغان. يازغۇچى رىچارد كۇرتىس بىلەن ئۇچراشىشى كەسپىي ھاياتى ئۈچۈن مۇھىم بۇرلۇش بولغان. دوستى جون لويدنىڭ رېژىسسورلىقىدىكى ۋە ئەنگىلىيە ITV (مۇستەقىل تېلىۋىزىيە\Independent Television) "سائەت توققۇز خەبەرلىرى ئەمەس" (Not the Nine O'Clock News) دېگەن ت ۋ تىياتىرىدا ئوينىغان. بۇ تىزىقتىكى مۇۋاپپەقىيەتىدىن سوڭرە 1983 تە قارا يىلان (The Black Adder) سىتكومدا رول ئالغان.
ئاتكىنسون، ئۆزىنى دۇنياغا تانىتقان پۇرچاق ئەپەندى خاراكتېرىنى تۇنجى كەز 1988 دە تامېس تېلېۋىزىيونىدا ئوينادى.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article روۋان ئاتكىنسون, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.