ئاسپىرىن ياكى ئاتسېتىلسالىتسىلىك ئاتسېتات (قىسقىچە ASA)، ئادەتتە يېنىڭ ئاغرىق، قىزىتما ۋە يىرىڭ داۋالاشتا قوللىنىلغان ئاغرىق پەسەيتكۈچ ۋە قىزىتما چۈشۈرگۈچ بىر دورادۇر.
شۇنداقلا قان سۇيۇلدۇرۇش رولى باردۇر ۋە يۈرەك كېسىلىگە قارشى قوغداش مەقسىدى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئاز ئازدىن قوللىنىلىدۇ. ھەددىدىن زىيادە قوللىنىلىش يۈزىدىن ھەر يىل يۈزلەپ كىشى ئۆلتۈرگۈچى تەسىرلەرگە مەجبۇر قالسىمۇ، ئادەتتە ئاسپىرىننىڭ پايدالىق بىر دورا دەپ قەبۇل قىلىنماقتا.
ئاسپىرىن، 2400 يىلدىن بېرى سۆگەت دەرىخى ياپرىقىدىن ئېلىنىپ ساغلاملىق ساھەسىدە قوللىنىلىپ كەلگەن. 1853- يىلى كىمياگەر چارلېس ڧرېدېرىك گېرھاردىت ( Charles Frédéric Gerhardt) تۇنجى كەز ئاتسېتىلسالىتسىلىك ئاسېتات ئىشلەپچىقارماق ئۈچۈن سوديۇم سالىتسىلاتقا ئاتسېتىل كلورۇر قوشتى. 19- ئەسرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، باشقا خىمىكلەر خىمىيىلىك تۈزۈلمە تەييارلىدى ۋە بۇنى ئىشلەپچىقىرش ئۈچۈن تېخىمۇ روشەن تەدبىرلەر كەشپ قىلدى. بايېر بولسا 1897- يىلى ئالىملارنى، ئاتسېتىلسالىتسىلىك ئاتسېتاتنى كەڭ تۈردە سالىتسىلىك دورىلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئاز كۆيدۈرگۈچى بىر قوشۇمچە سۈپەتىدە ئىشلەشكە باشلىدى.: 69-75 1899- يىلىغىچە بايېر بۇ دورىغا ئاسپىرىن نامىنى بېرىپ دۇنيا مىقياسىدا سېتىشقا باشلىغان. ئاسپىرىن كەلىمىسى بايېرنىڭ ماركىسى ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ماركا ھوقۇقىغا نۇرغۇن ئەلدە رىئايە قىلىنمىغان ياكى سېتىلغان ئىدى. ئاسپىرىننىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشى 20- ئەسرنىڭ دەستلەپكى يېرىمىدا كۆلەملەشتى ۋە نۇرغۇن ماركا ۋە ڧورمۇلا ئىچىدە رىقابەتكە كىردى.
ئاسپىرىن ھەر يىل تەخمىنەن 40 مىڭ توننىغا يېقىن (50 تىن 120 مىلىياردقىچە كومۇلاچ) ئىستىمال قىلىنغان، دۇنياۋىي تۈردە كەڭ قوللىنىلدىغان دورىلارنىڭ بىرىدۇر. بىر ساغلاملىق سېستىمىدا ئېھتىياج ھېس قىلىنغان ئەڭ تەسىرلىك ۋە بىخەتەر دورىلاردىن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاساسلىق دورىلار تېزىملىكىدە يەر ئالماقتا. ئاسپىرىن خاس يېزىقىلىق دورلاردىندۇر. 2014- يىلىدىن ئېتىبارەن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردىكى توپ سېتىش باھاسى دانە بېشىغا 0,002-0,025 USD دۇر. 2015- يىلى ئىتىبارى بىلەن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى تىپىك بىر ئايلىق دورا ھەققى 25 دوللارنىڭ ئاستىدا بولغان.
كۈنلۈك مىقدار قۇرامىغا يەتكەنلەردە 3 مەرتە 1-2 (500-100 ملىللىگرام) تابلېت، تاماقتىن كېيىن چاينىماي، بىرئاز سۇيۇقلۇق بىلەن يۇتۇلىدۇ. رېماتىزىملىق كېسەللىكلەردە مىقدار كۈنلۈك 4x2 تابلېتقىچە بولسا بولىدۇ. 9-15 ياش ئارىسى كۈندە 2 ياكى 3 قېتىم 1 تابېت، 7-9 ياش ئارىسى كۈندە 3 قېتىم ½ تابلېت بېرىلىدۇ. 7 ياشتىن كىچىكلەرگە 100 مىللىگراملىق تابلېتلەردىن بولۇپ، 1-2 ياشقا ½ تابلېت، 2-3 ياشقا 1 تابلېت، 4-6 ياشقا 2 تابلېت، 7-9 ياشقا 3 تابلېت بېرىلىدۇ. بۇ مىقدار ئېھتىياجغا كۆرە كۈندە 3 قېتىمغىچە تەكرارلانسا بولىدۇ.
100MG لىق ئاسپىرىن سۇدا ئېرىتىلىدۇ. (ئەڭ كۆپ بولغاندا 2 cc سۇ) سۇنىڭ ئىچىلىدىغان سۇ ياكى ساپ سۇ بولىشىغا دىققەت قىلىڭ، چۈنكى ئاسپىرىن بىر كېسلاتادۇر، ۋە Ph قىممىتى توغرا كەلمەيدىغان كېسلاتالار ياكى باشقا ماددىلار بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ كۈچىنى يوقىتىشى مۇمكىن. ھازىرلانغان ئارلاشمىنى مەسلە چىققان يەرلىك ئورۇنغا بىر پاختا ياردىمى بىلەن ئوبدان يېدۈرۈپ سۈرۈڭ. بۇ ئىشنى 2 كۈندە بىر تەكرارلىسىڭىز بولىدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئاسپىرىن, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.