سۇرىيە ياكى رەسمى ئىسمى سۇرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتى (ئەرەبچە: الجمهورية العربية السورية)، ئاسىيا قىتئەسىدە، ئوتتۇرا شەرقتە لىۋان، ئىسرائىلىيە، ئىئوردانىيە، ئىراق ۋە تۈركىيە بىلەن قوشنا بىر ئەلدۇر.
غەربىدە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى باردۇر. پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى دەمەشىق (شام). رەسمىي تىلى ئەرەبچە. سۇرىيەنىڭ توپلام نۇڧۇسى 2004- يىلى 17 مىلىيون 921 مىڭ كىشىدۇر. ھەلەب، لازىقىيە، ھىمس باشقا چوڭ شەھەرلىرىدىندۇر. 1963- يىلىدىن بېرى سۇرىيە بەئس پارتىيەسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلماقتا. دەۋلەت باشىدا 1970- يىلىدىن بېرى ئەسەد ئائىلىسىدىن بىرى ۋەزىپىدە بولماقتا. سۇرىيەنىڭ مەۋجۇد ئەلباشى، 1970-2000 ئارىسى باشقۇرغان ھاڧىز ئەسەدنىڭ ئوغلى بەششار ئەسەدتۇر. 2011- يىلىنىڭ مارت ئېيىدا ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن دۇلقۇندىن ئىلھاملىنىپ كوچىغا چىققان نامايىش ئۇيۇشتۇردى. خەلقنىڭ ئىسلاھات تەلەبى ۋە ئونلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈمى نەتىجىسىدە مۇھەممەد ناجى ئەل ئوتارى باشۋەكىللىكىدىكى ھۆكۈمەت 2011- يىلى 29- مارت كۈنى ئىستىڧا ئەتتى. مۇھەممەد ناجى ئەل ئوتارى، ھۆكۈمەت قۇرۇلغانغە قەدەر بەششار ئەسەد تەرىپىدىن ۋاقىتلىق باشۋەكىل ئاتاندى. شۇ كۈنى باشتا پايتەخت دەمەشىق ۋە باشقا شەھەرلەردە ئونمىڭلىغان خەلق ھۈكۈمەت تەرەپتارى نامايىشلار ئۆتكۈزدى.
سۇرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتى الجمهورية العربية السورية | ||||||||||||||||||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article سۇرىيە, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.