ئادەمسىز ئۇچقۇ

ئادەمسىز ئايروپىلان سىمسىز يىراقتىن تىزگىنلەش ئۈسكۈنىسى ياكى زاپاس كونترول سىستېمىسى ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بولۇپ، ئادەمسىز ئۇچقۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ قورال جەڭگاھلاردا بارغانسېرى كۆپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

ئادەمسىز ئۇچقۇ
ئادەمسىز ئۇچقۇ قونماقتا
ئادەمسىز ئۇچقۇ
ئەم كىيۇ- 9 قارچىغا ئادەمسىز ئۇچقۇسى

ئادەمسىز ئايروپىلان بىخەتەر، قوللىنىشچان بولغانلىقى، بىر چالمىدا نەچچە پاختەكنى سوققىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەتىۋارلىنىۋاتىدۇ.

نامى-ئاتىلىشى

ئۇيغۇرچە؛ ئادەمسىز ئۇچقۇ، ئۇچقۇچۇسىز ئايرۇپىلان، دىرون

خەنچە: 无人机

ئېنگىلىزچە: Unmanned aerial vehicle (كۆپىنچە ھالدا Drone دەپ ئاتىلىدۇ)

ئالاھىدىلىكى

ئادەمسىز ئايروپىلاننىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، تەننەرخى ئەرزان، ئۇنى ئىشلەتكەندە ئۇرۇش مەبلىغىنى تېجىگىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئادەمسىز ئايروپىلان جانلىق ۋە ئەپچىل، ناھايىتى ئىنچىكە ۋەزىپىلەرنىمۇ ئورۇندىيالايدۇ. كىچىك ئادەمسىز ئايروپىلانلار خۇددى ئۇششاق ھاشارەتكە ئوخشاش، ئىمارەتلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپمۇ رازۋېدكا قىلالايدۇ، بۇ خۇددى سۈن ۋۇكۇڭ تۆمۈر يەلپۈگۈچلۈك مەلىكىنىڭ قورسىقىغا كىرىپ-چىققاندەكلا ئىش. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ئۇنى ئىشلەتكەندە ئادەمنىڭ فىلولوگىيەلىك ئامىللىرىنى ئويلىشىش ھاجەتسىز. ئادەمسىز ئايروپىلان بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئەندىزىسىدە، ئالدىنقى سەپكە قوراللىق ئەسكەرلەر بارمىسىمۇ بولىدۇ، ئېگىز ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئادەمسىز ئايروپىلانلار ئارقىلىقلا ۋەزىپىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ.

ھەربىي قوللۇنۇشى

ھازىرقى يەر يۈزى ئۇرۇشلىرىدا، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىقمۇ كۆزىتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆزىتىش دائىرىسى 10 كىلومېتىردىن ئاشمايدۇ. ھالبۇكى، ئادەمسىز ئايروپىلان ئىشلىتىلسە، قىسىمنىڭ كۆزىتىش دائىرىسى 100 كىلومېتىردىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، جەڭگاھنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىپ تۇرالايدۇ.

ئادەمسىز ئۇچقۇ 
ئادەمسىز ئۇچقۇ

لېكىن ئادەمسىز ئايروپىلان ئارقىلىق ئۇرۇش قىلىش ئەندىزىسىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئادەمسىز ئايروپىلانلار رازۋېدكا قىلىش، قىلتاق قۇرۇش قاتارلىق پاسسىپ ماسلىشىش قورالىدىن نىشانغا نەق زەربە بېرەلەيدىغان ئاكتىپ ھۇجۇم قورالىغا ئايلاندى.

2001-يىل 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندا تۇنجى بولۇپ «ئوۋچى RQ-1» ناملىق ئادەمسىز ئايروپىلان ئارقىلىق «دوزاخ ئوتى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئېتىپ، تالىبانلارنىڭ تانكىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى، بۇ يېڭى ئەسىردىكى ئادەمسىز ئايروپىلان-باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ بەردى.

كەلگۈسىدىكى جەڭگاھلاردا ئادەمسىز ئايروپىلان ئادەتتىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، كەلگۈسى ھاۋا ئۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق قوراللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى، ھەتتا زۆرۈر تېپىلغاندا دۈشمەن بىلەن تەڭ ھالاك بولۇشتەك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلىدىكى ھۇجۇم ئۇسۇلىنىمۇ قوللىنىشى مۇمكىن.

مەنبە

  1. تور دۇنياسى

Tags:

ئادەمسىز ئۇچقۇ نامى-ئاتىلىشىئادەمسىز ئۇچقۇ ئالاھىدىلىكىئادەمسىز ئۇچقۇ ھەربىي قوللۇنۇشىئادەمسىز ئۇچقۇ مەنبەئادەمسىز ئۇچقۇ

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

1980 - يىلى1880 - يىلىداغىستانبەئلەبەكShimaliy Amptonshirيوتىيۇبلىنگالاچەفرانسىيە مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسىپاپۇئا يېڭى گۋىنېيەگرېتسىيەكاربون1944 - يىلىقان سىيىشئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى1932 - يىلىبەتنى قانداق تەھرىرلەيدۇيېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس كېسىلى ۋاكسىنىسى(كوۋىد-19 كېسىلى ۋاكسىنىسى)6 - فېۋراليالپۇزياۋروپادىۋانۇ لۇغاتىت تۈركئاپتوموبىلئىنگئېنگىلىسۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى1810 - يىلىباش بەت26- قەھرىتانلۇتپۇللا مۇتەللىپگۇئارانچەئۈرۈمچى شەھىرىفرانسىيىگە قاراشلىق گۋىئاناكۇۋەيتچوكا23- ھۇدAlabama Shitatiئىۋاتە ناھىيىسى1904مىسىرنۆۋەتتىكى ھادىسەISO 3166-1روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدېڭ شياۋپېڭمىلادى تەقۋىمبىرىكمە ماتېرىيالSaskachéwanچىمەلتەكئۇيغۇرلاريىلغازئىزيۇپىتېرئارال پويىز ئىستانسىپراگافاتىھ سۇلتان مۇھەممەدخاننۇر تورىئوسمانلىلىماموسكۋا5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىسپروزىيبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى2000 - يىلىتاھىر ھامۇتدىلرابا دىلمۇراتشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى🡆 More