250 مىڭدەك نوپۇسى بار گراز ئاۋسترىيە نىڭ 2-چوڭ شەھىرى ھەم يەنە تارىخ-مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى.
گراز ئاۋسترىيە نىڭ 2-چوڭ شەھىرى، شەرقىي جەنۇب قىسمى سانائەت، قاتناش، مەدەنىيەت مەركىزى،مەركىزىي شەھىرى شتېيرماك ئوبلاستى. دوناي دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى ۋە مور دەرياسى بويىدىكى ئويمانلىقتىكى جايلاشقان. كۆلىمى 127 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. نوپۇسى 250 مىڭ ئادەم.
گرازنىڭ كوناشەھەر رايونىدا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى ۋە باروك دەۋرىدىكى نادىر بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى ھازىرغىچە ساقلانغان بولۇپ، بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن ئۆزگىچە «ئۆگزە مەنزىرىلىرى» شەھەرنىڭ بىر گۈزەل مەنزىرىسى بولۇپ قالغان. 1999-يىلى، گرازنىڭ كوناشەھەر رايونى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
20-ئەسىردىن بۇيان ئاۋسترىيە چوڭ سانائەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن. ئاساسلىق سانائەت تارماقلىرىدىن مېتاللۇرگىيە، ئاپتوموبىل، مـاشىـنـا. ئەسۋاب، ئۈسكۈنە، ئاپتوموبىل ياساش، قەغەز ئىشلەپچىقىرىش، ياغاچ پىششىقلاپ ئىشلەش، ھاراقچىلىق قاتارلىقلار بار. شەھەر ئەتراپىدا سىتىلىيە سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى بار. شەرقىي جەنۇب قىسمى قاتناش مەركىزى.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article گراز, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.