Ekin Tuniyaz
ئەركىن تۇنىياز 艾尔肯·吐尼亚孜 | |||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
ۋەزىپە | ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكىمىتىنىڭ رەئىسى | ||||||||||
پارتكوم سېكرېتارى | چېن چۈەنگو ← ما شىڭرۇي | ||||||||||
ئۇندىن ئالدىن | شۆھرەت زاكىر | ||||||||||
تۇغۇلغان ۋاقتى | 1961 دېكابر (ئاقسۇ) | ||||||||||
مىللىتى | ئۇيغۇر | ||||||||||
مائارىپ سەۋىيىسى | ماگىستېر ئاسپىرانت | ||||||||||
ئوقۇش تارىخى | سانجى پىداگوگىكا مەكتىپى شەنشى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسېتىتى |
ئەركىن تۇنىياز (خەنچە: 艾尔肯·吐尼亚孜)، 1961 - يىلى 12 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئاقسۇدىن، 1983 - يىلى 7 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1983 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي-ئىقتىساد كەسپىنىڭ ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، ماگىستىر، لېكتور. ھازىر جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزى كوممىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى. 2021 - يىلى 09 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن باشلاپ، ئىستىپا بەرگەن رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ ئورنىنى بېسىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى بولغان.
ئەركىن تۇنىياز 1980-يىلى 9-ئايدىن 1983-يىلى 8-ئايغىچە سانجى پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپى مەخسۇس كۇرسىدا ئوقۇغان. 1983-يىلى 8-ئايدىن 1984-يىلى 9-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سانجى پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان. 1984-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 6-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سانجى پېداگوگىكا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1986-يىلى 9 -ئايدىن 1987-يىلى 1-ئايغىچە شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ باشقۇرۇش بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان). 1987-يىلى 6-ئايدىن 1991-يىلى 11-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى سانجى پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1988-يىلى 8-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپى تولۇق كۇرسىدا ئوقۇغان). 1991-يىلى 11-ئايدىن 1992-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى سىناش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش-ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، مۇكاپاتلاش-جازالاش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1992-يىلى 8-ئايدىن 1993-يىلى 11 -ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلار ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1993-يىلى 11-ئايدىن 1998-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى زىيالىيلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1998-يىلى 3-ئايدىن 1999-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ئەزاسى بولغان (1997-يىلى 9-ئايدىن 1999-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي-ئىقتىساد كەسپى ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان). 1999-يىلى 10-ئايدىن 2005-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 2005-يىلى 2-ئايدىن 2008-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان.
2008-يىلى 1-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
2021-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىپى تەرىپىدىن ئاپتونۇم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىكىگە سايلانغان.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئەركىن تۇنىياز, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.