1890-يىلىلا ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قىتئەسىدىكى17 دۆلەت بىرىنچى قېتىم خەلقئارا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا قىتئەسى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنى قارار قىلغانىدى.
1948-يىلى «ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ماقۇللىنىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتىلدى.
ئۇيغۇرچە نامى :ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى
چەتئەلچە نامى :Organization of American States
قۇرۇلغان ۋاقىت :1890-يىلى
ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى 1948-يىلى «ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ماقۇللىنىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتىلدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەڭ ئالىي ئورگىنى ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى قۇرۇلتىيى بولۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى، دائىمىي كېڭەش، كاتىباتلار باشقارمىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى. 1991-يىلىغا كەلگەندە، ئەزا دۆلەت 34 كە يەتتى.
ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى: ئۆز قۇرۇقلۇقىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرالارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئەمەلىيەتتە، بۇ تەشكىلات ئۇزاقتىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلدى. شۇڭا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ باراۋەرسىزلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىپ، جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.