ئەنجۈر

ئەنجۈر ئۈجمە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ، ئەنجۈرگە ئۇرۇقداش بولۇپ، كۆپ شاخلىنىدۇ، ھۆل ۋە يوپۇرماقلىرى سۇندۇرۇلسا، ئاق سۈت چىقىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، قېلىنراق، شەكلى يۇمىلاقراق، تۈۋى يۈرەكسىمان بولۇپ، ئادەتتە بەشكە يېرىلىدۇ.

گۈللىرى تەتۈر تۇخۇمسىمان ياكى شار شەكىللىك، مېۋىسى خام چېغىدا يېشىل رەڭدە بولۇپ، پىشقاندا سارغۇچ قوڭۇر ياكى سۆسۈن قوڭۇر رەڭگە كىرىدۇ. مېۋىسى، شېخى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئەنجۈر


پارسچە نامى :Ficus carica Linn.

شەكلى :تەتۈر تۇخۇم شەكلىدە

تەمى :تاتلىق

چىقىش ئورنى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبى

تەبىئىتى :ھۆل ئىسسىق

دورىلىق قىسمى :مېۋىسى، شېخى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزى

تونۇشتۇرۇلىشى

ئەنجۈر ئۈجمە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ، ئەنجۈرگە ئۇرۇقداش بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدۇ، كۆپ شاخلىنىدۇ، ھۆل ۋە يوپۇرماقلىرى سۇندۇرۇلسا، ئاق سۈت چىقىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، قېلىنراق، شەكلى يۇمىلاقراق، تۈۋى يۈرەكسىمان بولۇپ، ئادەتتە بەشكە يېرىلىدۇ. گۈللىرى تەتۈر تۇخۇمسىمان ياكى شار شەكىللىك گۈل تېگىگە يوشۇرۇنۇپ، يوشۇرۇن باشلىق گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، گۈل تېگى تەدرىجىي چوڭىيىپ تەتۈر تۇخۇم شەكلىدىكى گۆشلۈك يالغان مېۋىگە ئايلىنىدۇ. مېۋىسى خام چېغىدا يېشىل رەڭدە بولۇپ، پىشقاندا سارغۇچ قوڭۇر ياكى سۆسۈن قوڭۇر رەڭگە كىرىدۇ. مېۋىسى، شېخى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

مۇندەرىجە

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • تونۇشتۇرۇلىشى
  • دورىلىق قىسمى
  • يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى
  • ئۆسۈش ئورنى
  • تەبىئىتى
  • خۇسۇسىيىتى
  • ئىشلىتىش مىقدارى
  • رېتسىپلار
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

دورىلىق قىسمى

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، شېخى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.

يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى ئۈزۈۋېلىپ، قايناق سۇغا بېسىپ ئالغاندىن كېيىن، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ شېخى، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆسۈش ئورنى

شەرقىي تۈركىستان نىڭ جەنۇبىدا ئۆسىدۇ.

تەبىئىتى

ھۆل ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى

بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش، رېماتىزىمنى ياخشىلاش، قان توختىتىش، سۈتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىش مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

رېتسىپلار

12 گرام ئەنجۈرنى 20 گرام قۇرۇق ئۈزۈم، سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قۇرۇق يۆتەل ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەنجۈر ۋە تۇخۇمەكگۈلىنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىر قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەنجۈر يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى ھوردىتىپ بەرسە، بوۋاسىر قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام ئەنجۈر يىلتىزىنى توخۇ تۇخۇمى بىلەن بىرگە پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، پەي، سۆڭەك ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەنجۈرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىشتىھاسىزلىق ۋە ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەنجۈر قېقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قايناق سۇدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، سۈت ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ. 5.1 كىلوگرام ئەنجۈرنى ئىككى كىلوگرام سۇدا، 550 گرام نوقۇتنى ئىككى كىلوگرام سۇدا ئايرىم - ئايرىم سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، سۈيى سوۋۇغاندىن كېيىن ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈچ گرام قەلەمپۇرنى داكىغا ئوراپ، ئايرىم سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە ھەسەل سېلىپ قىيام قىلىپ، بۇ قىيامنى نوقۇت-ئەنجۈر ئارىلاشمىسىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، يۈرەك ئاجىزلىق، مەنىي ئازلىق، باھ ئاجىزلىق ۋە بەل ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

Tags:

ئەنجۈر ئاساسىي ئۇچۇرلىرىئەنجۈر تونۇشتۇرۇلىشىئەنجۈر مۇندەرىجەئەنجۈر دورىلىق قىسمىئەنجۈر يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلىئەنجۈر ئۆسۈش ئورنىئەنجۈر تەبىئىتىئەنجۈر خۇسۇسىيىتىئەنجۈر ئىشلىتىش مىقدارىئەنجۈر رېتسىپلارئەنجۈر

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى30- كۆنەكئاۋستىرىيە20221987 - يىلىموگۇبۇلغارىيەتوڭلاتقۇگېئولوگىيەI ئەھمەھ تۇغانخانئورانگوتانLilمارتىنىكاAlyaska Shitatiيوتىيۇبشەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشلىرى ۋە مۇستەملىكىچىلىكلەرگە قارشى كۆرەشلەرئېلاننۆۋەتتىكى ھادىسەلىنگالاچە11 - دېكابرOregon Shitati19562001دىۋانۇ لۇغاتىت تۈركجىن سۇلالىسىئىسا ئەلەيھىسسالام1942 - يىلىISO 3166-1يەر شارىدېڭ شياۋپېڭ1989پراگا2004بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى1882 - يىلىكرىل ئۇيغۇر يېزىقىغاز1915چىڭگىزخانيۈننەنئانىلار بايرىمىبەتنى قانداق تەھرىرلەيدۇمولدوۋاقازاقىستانتامىل تىلىۋەھرانلوندۇنداغىستان26- قەھرىتان1918 - يىلى2020 - يىلىبىنەپشە رەڭMilanھونلار1991 - يىلىئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىБаш бәтبيكاتشو6 - فېۋرالURLفرانسىيىگە قاراشلىق گۋىئانائادەتتىكى يىل9- فېۋرالھوللىۋودباش بەتكاشغەريۇپىتېربۈيۈك بېرىتانىيەكۇممۇنىزمبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى🡆 More