پەرىشتە (فارسچە: فرشتە، ئەرەبچە: مَلَكْ ياكى ملاك)، ئىسلام دىنىدا ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى تەتبىقلاش بىلەن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن نۇردىن ياراتىلغان ئىلاھىي مەۋجۇداتتۇر.
پەرىشتەلەرگە ئىمان ئىماننىڭ ئالتە شەرتىدىن بىرىدۇر. فەرستەلەر ئىنسانلاردىن، ئۆزلىرىگە جۈزئىي ئىرادە بېرىلمىگەن تەرەپلىرى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئىسلام دىنىغا كۆرە، پەرشتىلەر يېمەيدۇ ۋە ئىچمەيدۇ، جىنسىيەتلىرىمۇ يوقتۇر.
|
پەرىشتىلەر ئاسماندىمۇ، زېمىندىمۇ مەۋجۇتتۇر، ئۇلار نۇردىن يارىتىلغان بولۇپ، ئەر-ئايال دەپ ئايرىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ. پەرىشتىلەر ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا، ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە تەييار تۇرىدۇ. ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ئىنساننى يارىتىشتىن بۇرۇن ياراتقان، ئادەم ئەلەيھىسسلامنى ياراتقاندىن كېيىن، پەرىشتىلەرنى ھەزرىتى ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان. پەرىشتىلەر يېمەيدۇ، ئىچمەيدۇ، ئۇخلىمايدۇ، ئۆلمەيدۇ، ياش قېرى دەپ ئايرىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەرخىل، ئۇلارنىڭ بەزىسى جەننەتكە مۇئەككەل، بەزىسى جەھەننەمگە مۇئەككەل ۋە بەزىسى ئاللاھنىڭ ئەرشىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشقا مۇئەككەل.
پەرىشتەلەر ئىچىدە ھەر بىرىنىڭ ئايرىم بىر ۋەزىپىسى بولغان، ئارىسىدا چوڭ=كىچىك تەرتىبى بولمىغان مەشھۇر تۆرت پەرىشتە باردۇر، ئۇلار:
شەيتان
جىن
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article پەرىشتە (ئىسلام), which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.