شىئە ياكى شىئەلىك (ئەرەبچە: الشيعة، ڧارسچە: شیعه)، ئىسلام مەزھەبلىرىدىن بىرىدۇر.
شىئە ئىسلام ياكى شىئە مەزھىبى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەنسۇبلىرىغا شىئە ياكى شىئەلەر دېيىلىدۇ. سۇننىيلىكتىن سوڭرە كېلىدىغان ئىككىنچى چوڭ مەزھەبدۇر. سۇننىيلەر 83% بولسا، شىئەلەر 15% مۇسۇلمانلارنى تەشكىل قىلماقتا. قالغان 2% لىك قىسمى بولسا خارىجىيە دېگەندەك مەزھەبلەرگە مەنسۇب بولغانلارنى كۆرسەتمەكتە. شىئە كەلىمىسى، جاڧەرىيلىك بىلەن تەڭداش مەنىدە قوللىنىلماقتا. ھالبۇكى شىئە ياكى شىئەلەر خىلاڧەت ياكى ئىمامەت مەسىلىسىدە تارىخىي نوقتىدىن "ئەلىگە يانداش كىشىلەر" مەنسىگە كەلمەكتە. دەستلەپكى دەۋىرلەردىكى بۇ ئايرىلىش كېيىنكى دەۋىردە ئۆزى نەزىرىيىلىك ئاساسىنى تەشكىل قىلىپ مەزھەبلەشتۈرۈلگەن.
|
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article شىئەلەر, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.