ئىلمى كەلام (ئەرەبچە: علم الكلام)، ئىسلام دىنىنىڭ ئىتىقاد\ئەقائىد ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە تارىختا بۇ دائىرىدە تەرەققىي قىلغان دىنى-پەلسەپىي ئۇقۇم ۋە قاراشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلىم تۈرىگە ئىلمى كەلام دېيىلىدۇ.
بۇ مەنىدە ئىلمى كەلام ئىمان بىلەن ئالاقەدار سۇئاللارغا ئەقلىي دەلىللەر كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىزاھ ۋە ئىسپات كەلتۈرۈش مەقسىدى بىلەن كېڭەيتىلگەن تېئولوگىيىلىك پەلسەپەنىڭ ئىسمىدۇر. ئىمام ماتۇرىدى ۋە مۇئتەزىلە قاتارلىق كەلەمشۇناسلار ئەقىل-نەقىل تارتىشىشلىرىدا ئەقىلنى ئاساس قىلىشى بىلەن كۆزگە كۆرۈنمەكتە.
|
دەستلەپتە فىقىھ ئىچىدە مۇتائىلە قىلىنغان ئىلمى كەلام، كېيىنچە ئىلمى تەۋھىد دەپ ئاتالغان. فىقىھ، ئالەمىي مەسلىلەرگە؛ ئىلمى كەلام بولسا ئىتىقادىي مەسىلىلەرگە مەركەزلەشىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام زامانىسىدا نىسبەتەن تار ۋە ھەرىكەتچان ئىسلام توپلۇغىدا بەك كۆپ دىنى-پەلسەپىي تارتىشما كۆرۈلمەيىتتى. مەسىلەن، ھىجرى بىرىنچى ئەسرنىڭ ئاخىرىقى چارەكلىرىگىچە تەقدىر ھەققىدە بىر ئىتىقاد ھەققىدىكى مەزمۇن شەكلىدە تەتقىق قىلىنغقا باشلىدى.
باشلانغۇچ ئىتىبارى بىلەن ئىلمى كەلام، ئىماننىڭ ئاساسى بولمىش ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن ئالاقىدار بولغان بولسىمۇ، بولۇپمۇ ئىمام غەزالىيدىن سوڭرە پۈتۈن ئىمانىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تۈردە تەتقىق قىلىشقا باشلىدى.
تارىختا ئىلمى كەلامشۇناسلار دائىم دېگۈدەك بىر بىرىنى دىندىن چىققان مۇرتەد ياكى ئازغۇنغا چىقارغان. نۇرغۇن سۇفى ۋە ئىسلام ئالىمى بۇ تالاش-تارتىشىشلارغا كىرىشنىمۇ ئازغۇنلۇق دەپ قارىغان ۋە ئۆز ئەرگەشكۈچىلىرىنى چەكلىگەن.
ئىلمى كەلام تالاش تارتىشلىرى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىتىقادىي مەزھەبلەردىن بەئزىلىرى:
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئىلمى كەلام, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.