گېڭ شىمىن

قەدىمىي تۈرك تىلى تەتقىقاتچىسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قازاق تىلى فاكۇلتېتىنىڭ پىروفىسسورى گېڭ شىمىن كېسەل سەۋەبى بىلەن 2012-يىلى 17-دېكابىر 83 يېشىدا بېيجىڭدا ئالەمدىن ئۆتتى.

گېڭ شىمىن 1929-يىلى جياڭسۇ شۇجۇۋدا تۇغۇلغان، 1952-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق تىللىرى فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇ يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئەۋلاد مىللىي يېزىق ئالىمى، جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ قەدىمكى تۈرك يېزىقىنى تەتقىق قىلغان ئادەم. ئۇ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، تۈركچە قاتارلىق تۈركىي تىللارنى پىششىق بىلەتتى، يەنە ئىنگىلىزچە، رۇسچە، نىمىسچە، فىرانسۇزچە، ياپونچە قاتارلىق چەت ئەل تىللىرىدىنمۇ خەۋەردار ئىدى، ئۇ خەلقئارادىكى داڭلىق تۈركۈلۈگ. ئۇنىڭ نەچچە مىليون خەتلىك ئىلمىي ماقالىسى، تەرجىمە ئەسەرلىرى دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەلدىكى تەتقىقات ئورگانلىرىدا كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ جۇڭگو تۈركۈلۈگ تەتقىقاتىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان، شۇنداقلا خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە دۆلىتىمىز ئۈچۈن شەرەپ قۇچقان.

تۈركۈلۈگ گېڭ شىمىن پۈتۈن ئۈمرى ۋە ھاياتىنى مىللىي مائارىپ ئىشلىرىغا تەقدىم قىلغان بولۇپ، ئۇ ئوقۇتۇشنى ناھايتى ياخشى كۆرەتتى. پىنسىيىگە چىققان 23 يىلدىن بۇيان، ئۇ ھەر يىلى بىردىن كىتاب چىقىرىپ، ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلدى. ئۇنىڭ كەسپىگە بولغان قىزغىنلىقى، ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان مۇھەببىتى، چىن ئىخلاسى بىلەن ئوقۇتۇش-تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى نۇرغۇن ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈپ كەلگەن ئىدى. پىروفىسسور گېڭ شىمىننىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يوقىتىشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۆلىتىمىز تۈرك تىلى تەتقىقات ساھەسىدىكى چوڭ يوقتىش.

2012-يىلى 21-دېكابىر، بېيجىڭ باباۋشەن دەپنە زالىدا گېڭ شىمىن بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

http://tr.wikipedia.org/wiki/Shimin_Geng

Tags:

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

ئانارخىزمشاڭخەي شەھىرىئوكيانئۇيغۇر ئېلىپبەسىتىۋىتتېرئىپارخانبيكاتشو1993 - يىلىئامېرىكا قىتئەسىفروئىد ۋە ئۆزلۈك4 - ئىيۇن ۋەقەسى6- فېۋرالخەن سۇلالىسىئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىروزۋېلتئىسپانىيە ئىمپېرىيىسىپاسپورتلودزپارىژياۋرۇئەركىن تۇنىيازمالدىۋشېنجېن شەھىرىكەبىسە يىلىArkanzas Shtatiبىل گايتىسئايەتۇللاھ ھامەينىنىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىبۈيۈك بېرىتانىيەدىسنېي شىركىتىكىنشاسايامغۇرPatnaئوكلاخوما شىتاتىسۇلۇجۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسىتۈرك لىراسىچۇڭچىڭ شەھىرىقورغاس شەھىرىمولدوۋائېلىزابېت IIKrakowبىتخوۋىنسانائەت ئىلمىنوتتىڭخام ئۇنىۋېرستېتى1992 - يىلىھىندونېزىيە تىلى2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىخەلق پۇلى يۈەنىئافرىقاAndroidئايفۇنپورتۇگالىيە ئىمپېرىيىسى10- فېۋرالۋىكىپېدىيەئاممىۋى ساھەياۋا تىلىئوسمان ئىمپېرىيىسىدانىيەسلوۋاكىيەكراسنودار شەھىرىقەدىمقى مىسىربرازىلىيەچىلىلىبېرالىزىمتانزانىيەئۈرۈمچى شەھىرىسىرەك توپاماۋزېدوڭمېلبۇرن ئۇنىۋېرستېتىزەمبۇرۇغ1933 - يىلىPoznanدىڭ شياۋپىڭ🡆 More