مەرزەنجۈش بولسا ئۆسۈملۈك جەمبىل بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
پەي، مۇ رولى بار .كۇللارنى چىڭىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش. رولى بار.
ئۇيغۇرچە نامى :مەرزەنجۈش
تەمى :ئۆتكۈر پۇراقلىق، تەمى ئاچچىق
تەبىئىتى :بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، تاغنىڭ قۇرۇق ئىسسىقلىقى ئارتۇقراق كېلىدۇ
مەرزەنجۈشمەرزەنجۈش بولسا كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلسىدىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئۆسۈملۈك جەمبىل بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك ئادەتتە تاغنىڭ ھەم ئۆلكىنىڭ دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. غولى تىك ئۆسىدۇ. يۇقىرىقى قىسمى كۆپىنچە ئۇدۇل شاخلىنىدۇ. يوپۇرمىقى تار، تۇخۇم شەكلىدە، تولۇق گىرۋەكلىك كېلىدۇ، يوپۇرماق قولتۇقلىرىدا كۆپىنچە ئۇششاق شاخچىلىرى بولىدۇ، گۈلى كىچىك، سۆسۈن، ئۆگزىسىمان گۈل رېتى بولۇپ، كونۇس شەكلىدە توپلىشىدۇ.
يۈرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان ۋە ئۈچەينى تازىلاش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئارتۇق ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، مەددە قۇرتىنى چۈشۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش، ھامىلىنى ساقلاش، تال خىزمىتىنى ياخشىلاش، بەدەننى سەمرىتىش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، پەي، مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش.
يۈرەك مۇسكۇلىنى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.
بۆرەك ۋە دوۋساققا زىيان قىلىدۇ.
1. باكتېرىيىگە قارشى تەسىرى بار. 2. ئىممۇنت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەسىرى بار. 3. سىلىق يوللۇق مۇسكۇللارغا نىسبەتەنمۇ تەسىرى بار ئۇلاردىن باشقا يەنە سۈيدۈك ھەيدەش، بەلغەم بوشىتىش تەسىرى بار.
يۈرەك مۇسكۇلىنى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.
بۆرەك ۋە دوۋساققا زىيان قىلىدۇ.
1. باكتېرىيىگە قارشى تەسىرى بار. 2. ئىممۇنت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەسىرى بار. 3. سىلىق يوللۇق مۇسكۇللارغا نىسبەتەنمۇ تەسىرى بار ئۇلاردىن باشقا يەنە سۈيدۈك ھەيدەش، بەلغەم بوشىتىش تەسىرى بار.
تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي ھەم ستاخىئوزا قاتارلىق ماددىلارنى تۇتىدۇ.
مەرزەنجۈش1. مەرزەنجۇشنى ئەنجۈر سۈيى بىلەن ئىچسە نەپەس سىقىلىش ۋە ئۆپكە ياللۇغىغا پايدا قىلىدۇ.
2. 15گرام مەرزەنجۇشنى قاينىتىپ سۈيىگە سىركەنجىۋىل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ھامىلە چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3. 10گرام مەرزەنجۇشنى زەيتۇن يېغى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
4. مەرزەنجۇش بىلەن خىيار شەنبەردىن يەتتە گرامدىن ئېلىپ قوشۇپ ئېزىپ، ھەر خىل تاياق زەخىملىرىگە چاپسا، ئاغرىق پەسەيتىدۇ ھەم كۆكنى يوقىتىدۇ.
5. مەرزەنجۇشنى چاينىسا، چىش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.
6. توققۇز گرام مەرزەنجۇشنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچسە چايان چاققان يەرنىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ.
7. 10 گرام مەرزەنجۇش ئېزىپ، گۈل يېغى بىلەن ياكى يەككە ھالەتتە بەدەنگە چاپسا، پالەچ، لەقۋا، رەئىشە، مۇپاسىل، قۇلۇنجى، ئاشقازان ۋە ئۈچەي ئاغرىقلىرىغا پايدا قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى .
15 گرامغىچە بېرىلىدۇ.،
كاسىنە، سېمىز ئوت،ئاچچىق ئەمزى.
تاغ يالپۇزى
ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى .
15 گرامغىچە بېرىلىدۇ.،
كاسىنە، سېمىز ئوت،ئاچچىق ئەمزى.
تاغ يالپۇزى
شەربىتى مەرزەنجۈش، ئوكۇلى مەرزەنجۈش.
يۈرەك ۋە مېڭە ئاجىزلىقى، يۈرەك قوزغىلىش، ئۆپكە ياللۇغى، باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى، سوغۇقتىن بولغان سۈيدۈك تۇتۇلۇش، بالىياتقۇ كېسەللىكلىرى، قاتتىق ئىششىق، پالەچ، يۈز نېرۋىسىنىڭ پالىچى، بەدەن ئاجىزلىق، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق، ھەيز قالايمىقانلىشىش ۋە مەددە قۇرتلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم
قامۇس
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article مەرزەنجۈش, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.