مونترېئال __ كانادانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، سودا-سانائەت مەركىزى.
بۇ شەھەر لاۋرېنتسىيە دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ئوتتاۋا، لىسەيلۇ قاتارلىق ئۈچ دەريانىڭ قوشۇلغان جايىدىكى مونترېئال ئارىلىغا جايلاشقان.
مونترېئال بولسا كانادا كۋېبېك ئۆلكىسى دىكىبىخاھار 2006 نوپۇس بار، مونترېئالنىڭ 1،620،693 نوپۇسىبار، 365.13 كم² دائىرائىقىدا نوپۇس جايلاخكان، خىمالىكاڭ لىك 45.30°، خارىكى ئۇزۇنلۇك 73°40، پوقتانومۇرى رايۇننومۇرى 514 ۋە 438.
نامى :مونترېئال
دۆلىتى :كانادا
ئۆلكىسى :كۇيبىك ئۆلكىسى
مەمۇرىي رايون شەكلى :شەھەر
تەۋە رايون :كانادا كۇيبىك ئۆلكىسىنىڭ مونترېئال رايونى
يەر مەيدانى :365.13 كىۋادرات كىلومېتىر
نوپۇسى :1 مىليون 669 مىڭ 237 (2013-يىلى)
كىلىماتى :مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇلۇق خاراكتېرىدىكى نەم كىلىماتقا تەۋە
چەتئەلچە نامى :Montreal
قارمىقىدىكى رايونلار :لاۋرېنتسىيە، ۋېردۇن
چوڭ مونترېئالنىڭ ئاھالىسى :2 مىليون 820 مىڭدىن ئاشىدۇ(1980)
دىئالېكتى :فىرانسوز تىلى، ئىنگلىز تىلى
5پارچەمونترېئالكانادانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، سودا-سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر لاۋرېنتسىيە دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ئوتتاۋا، لىسەيلۇ قاتارلىق ئۈچ دەريانىڭ قوشۇلغان جايىدىكى مونترېئال ئارىلىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 365.13 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. چوڭ مونترېئالنىڭ ئاھالىسى 2 مىليون 820 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، ئاھالىسىنىڭ %60 نى فرانسۇز، %12 نى ئىنگلىزلارنىڭ ئەۋلادلىرى، %7 نى ئىتالىيە قان سىستېمىسىدىكىلەر، %4 نى يەھۇدىلار، قالغىنىنى نېمىسلار، گرېكلار ۋە باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ %40 ى فرانسۇز تىلىدا سۆزلەيدۇ، ئۇلار مونترېئال ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا ئولتەۇراقلاشقان. ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار ئاھالىنىڭ % 18نى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلار ئارالنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپلىرى بار. ئاھالىنىڭ كۆپى رىم كاتولىك دىنىغا، قالغىنى يەھۇدى دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
بۇ شەھەر لاۋرېنتسىيە دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى ئوتتاۋا، لىسەيلۇ قاتارلىق ئۈچ دەريانىڭ قوشۇلغان جايىدىكى مونترېئال ئارىلىغا جايلاشقان.
مونترېئال پورتى، لاۋرېنتسىيە دەرياسى، بۈۋى مەريەم چېركاۋى، خان جەمەتى تېغى قاتارلىق داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرى بار.
5پارچەمونترېئال بۇ جايدا ئەسلى ئىندىئانلىقلار ئولتۇراقلاشقان.ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، شەھەرنىڭ قۇرۇلۇش، سودا-سانائەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ زامانىۋى شەھەرگە ئايلانغان. شەھەردە ئەنئەنىۋى سانائەت تارماقلىرىدىن ياغاچچىلىق، تېرە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ھاراق ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، بۇلاردىن باشقا يېڭى سانائەت تارماقلىرىدىن پاراۋوز، پولات-تۆمۈر، كېمىسازلىق، نېفىت ئايرىش، ئايروپىلان ياساش، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان.
مونترېئال كانادانىڭ ئەڭ مۇھىم بۇغداي ئېكسپورت قىلىدىغان پورتى، بۇ پورت ئارقىلىق نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىنىدۇ.
مونترېئال كانادانىڭ ئەڭ مۇھىم بۇغداي ئېكسپورت قىلىدىغان پورتى، بۇ پورت ئارقىلىق نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىنىدۇ.
مونترېئال شەھىرىنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا، سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1966-يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 38.2 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
1642-يىلى فرانسىيىلىكلەر كۆچۈپ كىرىشكە باشلىغان. 1760-يىلى ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. بۇ شەھەردە 1962-يىلى قۇرۇلغان 45 قەۋەتلىك +(پىلوس) شەكىللىك چوڭ بىنالار، نۇرغۇن يەر ئاستى ماگىزىنلىرى، مېھمانخانىلار، تىياتىرخانىلار، بانكىلار بار.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article مونترېئال, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.