مارمارا دېڭىزى (تۈركچە: Marmara Denizi) قارا دېڭىزنى، ئېگىي دېڭىزى ۋە ئاق دېڭىزغا باغلايدۇرغان بىر ئىچكى دېڭىزدۇر.
قارا دېڭىزغا ئىستانبۇل بوغۇزى، ئېگىي دېڭىزىغا چاناققەلئە بوغۇزى بىلەن باغلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىسىملىرىنى ھەم بىر بىرىدىن ئايرىيدۇ. مارمارا ئارىلىدا مول مىقداردا مەرمەر بولغانلىقى يۈزىدىن ئارالغا ۋە دېڭىزغا، يۇنانچە مەرمەر مەنىسىدىكى "مارماروس" دېيىلگەن. بۇ دېڭىزنىڭ باشقا بىر قەدىمى ئىسىمى بولسا "پروپونتىس" دۇر. تۈركىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بولمىش ئىستانبۇل ۋە ئىزمىت بۇ دېڭىز بويىدا، باشقا بىر چوڭ شەھەر بولغان بۇرسا بولسا سۈرئەت بىلەن بۇ دېڭىز بويىغا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.
240 كلومېترغا ياقىن ئۇزۇنلۇق ۋە 70 كىلومېتر كەڭلىككە، 11500 كلومېتر2 يۈز ئۆلچىمىگە ئىگە بولۇپ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى -1270 مېتر بولغان مارمارا دېڭىزىدا، كۆرۈلگەن ئېقىن تىپى، نورمال دېڭىز-ئوكيانلاردىكى ھالقىسىمان تىپ ئورنىغا، شەرق-غەرب يۆنلىشىدىكى بىر ئېقىندۇر. دېڭىزنىڭ يۈزى قارادېڭىزدىن، تېگى بولسا ئېگىي-ئاق دېڭىزدىن كەلگەن تۇز، ئىسسىقلىق ۋە ئوكسىگىن ئورانى نوقتىسىدىن ئوخشىمىغان سۇ پارچىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.
مارمارا دېڭىزىدىكى ئاراللار؛
يۈز ئۆلچىمىگە كۆرە ئەڭ چوڭ ئۈچ ئارال:
مارمارا دېڭىزىغا تۆكىلىدىغان ئاساسلىق ئاقارسۇلار قۇيدېكىدەك:
ئاناتولىيە
تراكيا
بايرامپاشا ئۆزىنى، تارىخى ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاقارسۇيى.
مارمارا دېڭىزىنىڭ شىمالىدا يەر ئالغان بۇ ئويمانلىقلار شەرقتىن غەربكە قاراپ شۇلاردۇر:
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article مارمارا دېڭىزى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.