كاۋا

(Duch.

ئۇيغۇرچە نامى كاۋا
ئېنگلىزچە Pumpkin
تۈرلىرى چاقما كاۋا، مانتا كاۋا
تارقالغان رايونلار دۇنيا مىقياسىدا
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى بىنەپشە گۈل تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى كاۋا ئۇرۇقدىشى
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى كاۋا–قاپاق ئائىلىسى
تۈرى كاۋا
لاتىنچە نامى Cucurbita moschata

ex Lam.) Duch. ex Poiret

خەنزۇچە 倭瓜、番瓜、饭瓜、番南瓜、北瓜

南瓜

كاۋا (ئىلمىي نامى: Cucurbita moschata ex Lam.) Duch. ex Poiret) كاۋا ئائىلىسى كاۋا ئۇرۇقدىشىنىڭ بىر خىلى، بىر يىللىق پېلەكلىك سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئاقسۇلۇقلار ئادەتتە كاۋا دەپ مازاق قىلىندۇ.

كاۋا
گىگانت كاۋا

ھەققىدە

كاۋا 
كاۋا ئۇرۇقى

كاۋا ئائىلىسى كاۋا ئۇرۇقدىشىنىڭ بىر خىلى، بىر يىللىق پېلەكلىك سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىنىڭ ئادەتتە بوغۇم قىسمى يىلتىزدىن تارتىپ، يوپۇرماق ساپىقى توم (بەسلىك)، يوپۇرماق ئالىقىنى كەڭ يۇملاق ياكى تۇخۇمسىمان، جىسمى سەل يۇمشاق يوپۇرماق تومۇرى تومپىيىپ چىققان، ئورىغۇچى يىپچە سەل توم (بەسلىك)، ئانىلىق-ئاتىلىقى بىر تۈپتە، مېۋە ساپىقى توم بولىدۇ، قىرلىق ۋە ئوقۇرى سورتلىرىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ، سىرتىدا ئادەتتە بىر نەچچە تىك ئېرىقچە بولىدۇ ياكى بولمايدۇ، ئۇرۇقى كۆپ، ئۇزۇنچاق تۇخۇم شەكىللىك ياكى سوقىچاق بولىدۇ.

كاۋا 
غەلىتە سىياقلار بايرىمى(خەلوۋىن) ئۇچۈن ئۇيۇلغان كاۋا

كاۋىنىڭ ئەسلىي ماكانى مېكسىكىدىن ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ. مىڭ سۇلالىسى دەۋرى جۇڭگوغا كىرگەن، ھازىر جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ تېرىلىدىغان كۆكتات زىرائەت. پۈتۈن تۈپىدىكى ھەرقايسى بۆلەكلىرى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇرۇقنىڭ تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتالىرى ئىسسىقنى قايتۇرۇش، ھۆللۈكنى ھەيدەش، قۇرت چۈشۈرۈش، قان شورىغۇچى قۇرت تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش رولى بار، پېلىكىنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش رولى بار؛ ساپىقىنىڭ ھامىلىنى تىنچلاندۇرۇش، چىش ئاغرىقىنى توختىتىش ئۈنۈمى بار.

شەكلى

كاۋا بىر يىللىق يامرىما سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك؛ غولىنىڭ ئادەتتە بوغۇم قىسمىدىن  يىلتىزغىچە بولىدۇ، سوزۇلۇشى 2-5 مېتىر، زىچ ئاق رەڭلىك قىسقا تۈكلۈك.

يوپۇرماق ساپىقى توم (بەسلىك)، ئۇزۇنلىقى 8-19 سانتىمېتىر، قىسقا بولىدۇ. يوپۇرماق ئالىقىنى كەڭ يۇملاق ياكى تۇخۇمسىمان كېلىدۇ، جىسمى سەل يۇمشاق، 5 بۇلۇڭ ياكى 5 تېيىز يېرىقچىسى بار، ئۇزۇنلىقى 12-25 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 20-30 سانتىمېتىر، ياندىن يېرىلغان ياپراقچە كىچىكرەك، ئارىسى بىر قەدەر چوڭ، ئۈستىدە قويۇق سېرىق ئاق رەڭلىك يىرىك تۈك ۋە تۈكسىمان يۇڭى ئوراپ تۇرىدۇ، ئادەتتە ئاق داغ پەيدا بولىدۇ. يوپۇرماق تومۇرى تومپىيىپ چىققان؛

ئانىلىق-ئاتىلىقى بىر تۈپتە، ئاتىلىق گۈل يەككە ئۆسىدۇ؛ گۈل جىنسىي نەيچىسى قوڭغۇراقسىمان، ئۇزۇن 5-6 مىللىمېتىر، تاماقلىرى تاسما شەكلىدە، ئۇزۇنلىقى 1-1.5 سانتىمېتىر، يۇمران تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ؛ گۈل تاجىسى سېرىق، كەڭ يوپۇرماق، قوڭغۇراق شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى 8 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى 6 سانتىمېتىر؛ ئاتىلىقى ئۈچ، گۈل يىپى بەز شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى 5-8 سانتېمىتىر؛ ئانىلىق گۈل يەككە ئۆسىدۇ؛ ئۇرۇقدىنى بىر بولىدۇ، ئانىلىق بوينى قىسقا، ئانىلىق تۇمشۇقى 3، يوغىناش چوققا يېرىندىلىرى ئىككى يېرىقلىق.

كاۋا 
كاۋا ئۆسۈملۈكىنىڭ سىدام سىزمىسى

مېۋە ساپىقى توم بولىدۇ، قىرلىق ۋە ئوقۇر، ئۇزۇنلىقى 5-7 سانتېمىتىر، خەمىكىنىڭ شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، بۇلار سورتلىرىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. ئۇرۇقى كۆپ، ئۇزۇنچاق تۇخۇم شەكىللىك ياكى سوقىچاق، چار، گىرۋىكى نېپىز، ئۇزۇن 15-10 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 10-7 مىللىمېتىر.

تارقىلشى

كاۋىنىڭ ئەسلىي ماكانى مېكسىكا بۇلۇپ، ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاسىيا قىتئەسدە تېرىلىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئۇنىڭدىن قالسا ياۋروپا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە تارقالغان. جۇڭگو نىڭ ھەممىلا يېرىدە ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ.  

خۇلى

كاۋا ئىسسىقلىقنى خالايدىغان، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، تۇپراققا بولغان تەلىپى قاتتىق ئەمەس، لېكىن مۇنبەت، نېيترال ياكى سۇس كىسلاتالىق قۇمساڭغۇ تۇپراقتا ئۆسۈشى ياخشى.

Tags:

كاۋا ھەققىدەكاۋا شەكلىكاۋا تارقىلشىكاۋا خۇلىكاۋا

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

زايوم ئەڭ كۆپ دۆلەتكارل ماركىس4- فېۋرالنەتفلىكىسبۇغدايناگوياBélfastمىسىركاربون تۆت ئوكسىدمانىلا2020 ئامېرىكا ئەلبېشىلىق سايلىمى2020 يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى (كوۋىد-19) ئامېرىكا يۇقۇم ئەھۋالىكاشغەرئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىئۇكرائىن تىلىئابباسىيلارDérbiSan Fransiskoيېڭى زېلاندىيەئابلىز مەخسۇمگوتېنبۇرگئامازونبۇددا دىنىخالىدە ئىسرائىلكېننېدى2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىشەرقىي تۈركىستانۋەزىنمارسشى جىنپىڭI ئەھمەھ تۇغانخانتەييۈەن شەھىرىشور دېڭىز6 - ئاپرېلنېفىتسايباغ يېزىسى (قاغىلىق ناھىيىسى)بولىۋىيە2003Boston1979 - يىلىبەراﺋ ئىبنى ئازىبچىن سۇلالىسىبەتنى قانداق تەھرىرلەيدۇئىمام بۇخارىي16- ھۇدAlbértaسائەتبىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىKrakow7- فېۋرالكارتونتۈرك مىللىتى ۋە تۇرانروۋان ئاتكىنسونمەھمۇد كاشغەرىيغازيوسېڧ ستالىننارۇتوئوسمان ئىمپېرىيىسىمۇسۇلمانلارخەنزۇ تىلىپىنيىنБаш бәтستار وورز17- فېۋرالئادەتتىكى يىلياۋا تىلىموللا مۇسا سايرامىتۈركىيە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىسىتالىنكامبودژا🡆 More