كارى (ياكى كارى تامىقى؛ ئېنگلىزچە: Curry) جەنۇبى ئاسىيادا كۆپ ئۇچىرايدىغان، ھەرخىل تەم خۇرۇچلىرى ۋە دورا ـ دەرمەكلىرى قېتىلدىغان تاماق تۈرلىرىنىڭ ئومۇمى نامىدۇر.
كارى ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەرلىكلەشتۈرۈلگەن ۋاريانتلىرى بىلەن كەڭ ئىستىمال قىلىنماقتا. كارى تامىقنىڭ جەنۇى ئاسىيادىن چىقىشى شۇ جايلارنىڭ ھەرخىل دورا ـ دەرمەك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كەڭ ئىستىمال قىلىش تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كارى تامىقى ۋە كارى دەرىخى ئىككىسى ئىككى خىل نەرسە، گەرچە ئىسمى ئوخشىسىمۇ تىپى ئوخشىمايدۇ. كارى ئادەتتە كارى تامىقىنى كۆرسىتىدۇ.
كارىنىڭ ھازىر دۇنيا مېقياسىدا نۇرغۇنلىغان تۈرلىرى ۋە نۇسخلىرى بار.كارى دېگەن بۇ سۆز تامىل تىلدىن كەلگەن بولۇپ "خۇرۇچ"، "دورا-دەرمەك"، ۋە ياكى تاماققا تەم كىرگۈزۈچ ئۈچۈن قېتلدىغان كارى دەرىخنىڭ يوپۇرمىقى دېگەندەك مەنىلەردىدۇر. كارى تالقىنى ھازىر نۇغۇن تائاملارغا قېتىلدۇ. كارى تاماقلىرى جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى بۇيىنچە ھىندىستان\پاكىستان\بېنگال، شەرقى ئاسىيا، ئافرىقا دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلىندۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article كارى (تاماق), which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.