رەسۇل (ئەرەبچە: رسول) ئىسلام دىنىدە ئىنسانلارنى مۈژدەلەمەك ۋە ئەسكەرتمەك ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبەرلىگەن كىشىلەرگە بېرىلگەن ئىسىمدۇر.
"ئەلچى"، "ئەۋەتىلگەن" دېگەن مەنىلەرگە كېلىدۇ. رەسۇللەر ھەققىدە كۈنىمىزدە ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى، قۇرئان كەرىم سىرتىدىكى مەنبئەلەردىن ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنىنىڭ ئەسىل مەنبئەسى بولمىش قۇرئان كەرىمنىڭ ئاساس ئېلىنىشى كېرەكتۇر.
قۇرئان كەرىمگە كۆرەرەسۇللەر ئىنسانلاردىن، جىنلاردىن، پەرىشتىلەردىن تاللىنىلىدۇ. شۇنداقلا ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بىر نەچچە رەسۇلنىڭ مەۋجۇد بولىشى ۋە پۈتۈن ئۈممەتلەرگە قەۋىملەرگە رەسۇللەرنىڭ ئۇ قەۋمنىڭ لىسانى بىلەن ئىبەرىلگەنلىكى، بۇ رەسۇللەرنىڭ ھەر قېتىم يالغانچىغا چىقىرىلىشى ۋە ئىنسانلارغا رەسۇللەرنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئىشەنمەسلىكى بولسا "ئاللاھ، ئىنساندىن رەسۇل ئىبەردىمۇ؟" دېيىشتىن باشقا بىر نەرسىنىڭ دەخلى قىلمىغانلىقى بايان قىلىنغان.
سۇرە زۇمەرنىڭ 71. ئايەتىدە بولسا جەھەننەمگە كىرگۈچى كىشىلەرگە جەھەننەم مۇئەككەللىرى ئۇلارغا ئۆزىگە بىر رەسۇل كېلىپ جەھەننەمگە كىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ ئاگاھلاندۇرمىغانلىقى سورالغانىدا ھەممىسىنىڭ جاۋابى ئوخشاشلا "ھەئە" بولىدۇ. جەننەتكە كىرگەنلەرنىڭ بولسا ئۆزلىرىگە رەسۇل كەلگەنلىكىنى ۋە رەسۇللەرنىڭ راسچىللىقىنى ئىپادە قىلغاندۇرالار.
قۇرئانغا كۆرە رەسۇل:
ئۇيغۇرلاردا رەسۇل كەلىمىسى ئەر كىشى ئىسمى سۈپىتىدە ئوغۇل بالىلارغا بۇ ئىسىم بېرىلىدۇ.
شەكىللىرى؛ رەسۇل، رۇسۇل، ئابدۇرۇسۇل
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article رەسۇل, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.