پارتىيە مەلۇم سىنىپ، تەبىقە ياكى ئىجتىمائى گۇرۇھنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەم شۇ يولدا كۈرەش قىلىدىغان سىياسى تەشكىلات.
ئۇ ئىجتىمائى ئىقتىساد ۋە سىنىپىي كۈرەشنىڭ مۇئەييەن تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا سىنىپىي كۈرەش ۋە ئىجتىمائى سىياسىي ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش قورالى.
پارتىيە مەلۇم سىنىپ، تەبىقە ياكى ئىجتىمائى گۇرۇھنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەم شۇ يولدا كۈرەش قىلىدىغان سىياسى تەشكىلات. ئۇ ئىجتىمائى ئىقتىساد ۋە سىنىپىي كۈرەشنىڭ مۇئەييەن تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا سىنىپىي كۈرەش ۋە ئىجتىمائى سىياسىي ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش قورالى.
ئۇ ئۆزى ۋەكىللىك قىلىدىغان سىنىپ، تەبىقە ۋە ئىجتىمائى گورۇھ ئۈچۈن ئوخشاشمىغان دەرىجىدە تەشكىلاتچىلىق، رەھبەرلىك ۋە يادرولۇق رولىنى ئوينايدۇ.
يېقىنقى زاماندا ئەڭ بالدۇر بارلىققا كەلگەن پارتىيە 17- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى ئەنگىلىيەدە قۇرۇلغان خۇيگ پارتىيىسى (ئاساسەن بۇرژۇازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەر مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى) ۋە تورى پارتىيىسى (ئاساسەن فيودال ئاقسۆڭەكلەر مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى) ئىدى. جۇڭگودا بۇرژازىنىيىنىڭ پاتىيە تەشكىل قىلىشى سۈن جوڭسەننىڭ 1894- يىلى جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش جەمىيىتىنى قۇرغان ۋاقتىدىن باشلاندى. ماركس بىلەن ئېنگېلس 1847- يىلى لوندوندا قۇرغان كومۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقى پۇرۇلېتارىيات پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى ئۈلگىسى ئىدى. جۇڭگودا پۇرۇلېتارىيات پارتىيىسى – جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى 1921- يىلى قۇرۇلغان.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article پارتىيە, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.