ياڭاق بولسا ياڭـاق ئائىلىسىدىـكـى غـازاڭ تاشلايدىـغـان دەرەخ ياڭاقـنىـڭ مېغىزى بۇلۇپ،باھنى قوزغاش، ئىچىنى يۇمشىتىش، ئىششىق تارقىتىش، پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتى بار.
ئۇيغۇرچە نامى | ياڭاق |
---|---|
ئەرەبچە نامى | جەۋز |
ئىنگلىزچە | walnut |
تونۇش | ياڭاقـنىـڭ مېغىزى |
تەبىئىتى | ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق |
خەنزۇچە ئاتىلىشى | 核桃 |
---|---|
پارسچە نامى | گۇز،گۇردىگان، جاھار مېغىز |
ئوردۇچە نامى | ئەخرۇت |
تەمى | تەمى قېرىق، پۇرىقى سۇس |
ياڭاق بولسا ياڭـاق ئائىلىسىدىـكـى غـازاڭ تاشلايدىـغـان دەرەخ ياڭاقـنىـڭ مېغىزى بۇلۇپ، مېغىزى شار شەكىللىك بولۇپ، ئىككى پارچىسى بىرىكىپ تۇرىدۇ، پۈرمە ئېرىقچىسى بولىدۇ. سىرتىنى قوڭۇر رەڭلىك نېپىز پەردىسىمان ئۇرۇق پوستى ئوراپ تۇرىدۇ، تەمى قېرىق، پۇرىقى سۇس،9-، 10- ئايلاردا مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىندۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن، خېبىي، شەنشى، كەشمىر، ئىران ، ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ھېسسىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، باھنى قوزغاش، ئىچىنى يۇمشىتىش، ئىششىق تارقىتىش، پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتى بار.
مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، مىڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.
ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ.
(1) باكتېرىيە، زەمبۇرۇغقا قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.
(2) تەركىبىدە ياڭاق يېغى تۇتقان يېمەكلىكلەرنى ئىتقا بېرىلسە، بۇنڭ بىلەن ئىتنىڭ تەن ئېغىرلىقى تېزلا ئاشىدۇ، قان شىرىسى ئاق ئاقسىلى كۆپىيىدۇ.
ياڭاق مېغىزىنىڭ تەركىبىدە %40~50 مايلىق ياغ بار، يەنە %15.4 ئاقسىل، %10 كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، رىبوفلاۋىن قاتارلىقلار بار.
1. ياڭاق مۇرابباسى تەييارلاپ مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل بىلەن قوشۇپ يېسە، بۆرەكنى سەمرىتىدۇ، باھنى قوزغايدۇ،چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىدۇ، ئۈچەينى قۇۋۋەتلەيدۇ.
2. ياڭاق مېغىزىدا يالانچۇق تەييارلاپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن يالاپ بەرسە، يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ.
3. ياڭاقنى سىركىگە چىلاپ يېسە، ئاشقازاننىڭ ئاجىزلىقىنى تۈگىتىدۇ.
4. ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستىنى كۆيدۈرۈپ يېسە، بوۋاسىرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ.
5. ياڭاقنىڭ يېلىمىنى يىرىڭلىق چاقىلارغا چاپسا ياكى ئېزىپ ئاغرىق چىشقا باسسا ئاغرىق توختىتىدۇ.
6. ياڭاق پوستىنى سۇ بىلەن قاينىتىپ ئېغىزنى چايقىسا، چىشنىڭ تۈۋىدىكى ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ، چىشنى چىڭىتىدۇ.
دورىلىق ئورنى:
ياڭاقـنىـڭ مېغىزى
تۈزەتكۈچىسى:
ئانار سۈيى، بىنەپشە
ھەببىتۇلخوزرا، چىلخوزائانار سۈيى، بىنەپشەياڭاقـنىـڭ مېغىزى.
نېرۋا ئاجىزلىقى، ئۇنۇتقاقلىق، جىنسىي قۈۋۋەتنىڭ ئاجىزلىقى، قەۋزىيەت، يۆتەل، ھەزىم بۇزۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ياڭاق, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.