سانلىق مەلۇمات ئامبارى ( سانلىق مەلۇمات قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ) بويىچە تەشكىللەپ، ساقلاش ۋە ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى جەھەتتىكى باشقۇرۇش بويىچە سانلىق مەلۇماتلارنى كومپيۇتېردا ساقلاش ئامبىرى.
ئۇيغۇرچە نامى | سانلىق مەلۇمات ئامبىرى |
---|---|
چەتئەلچە نامى | Database |
ۋاقىتى | 1950-يىلى |
باشقا نامى | ساندان |
خەنزۇچە نامى | 数据库 |
---|---|
ئاساسى قۇرۇلمىسى | ئۈچ قاتلاملىق |
ئۇقۇم | ئېلېكترلەشكەن ھۆججەت ئىشكابى |
ئاددىي قىلىپ ئېيىتقاندا ساندان (DataBase) بولسا مەلۇمات قۇرۇلمىسى ئارقىلىق تەشكىللىنىدىغان، ساقلىنىدىغان ۋە باشقۇرۇلىدىغان سانلىق ئامبارغا ئوخشايدۇ، يەنى ئاشلىق ئامبىرىغا ئوخشايدۇ. ساندان بۇندىن 60 يىللار ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە بازارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن كېيىن مەلۇمات باشقۇرۇش پەقەتلا ساقلاش ۋە باشقۇرۇشتىلا ئىشلىتىلمەستىن، بەلكى ئىشلەتكۈچىلەر ئېھتىياجىلىق بولغان ھەرخىل مەلۇمات باشقۇرۇش شەكلىگە ئايلىنىشقا باشلىدى. سانداننىڭ تۈرلىرىمۇ ھەم كۆپخىل بولۇپ، ئەڭ ئاددىي ھەرخىل مەلۇماتلار ساقلانغان جەدىۋەلنى ناھايىتى كۆپ مەلۇماتلارنى ساقلىيالايدىغان چوڭ تىپتىكى سان دان سىستېمىلىرى ھەر قايسى ساھەدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى. تەرەققىيات تارىخىدىن قارىغاندا ساندان بولسا مەلۇمات باشقۇرۇشنىڭ يۇقىرى باسقۇچى، ئۇ ھۆججەت باشقۇرۇشتىن تەرەققىي قىلغان دېسەكمۇ بولىدۇ.
سانداننىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئۈچ قەۋەتكە بۆلىنىدىغان بولۇپ، مەلۇماتنى كۆزىتىدىغان ئۈچ خىل ئوخشىمىغان نۇقتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
1. فىزىكىلىق مەلۇمات قەۋىتى
2. ئۇقۇم مەلۇمات قەۋىتى
3. لوگىكىلىق مەلۇمات قەۋىتى
ساندان سىستېمىلىرى ھەققىدە
1. قەۋەتسىمان(قاتلامسىمان) قۇرۇلمىلىق ساندان سىستېمىسى
2. تورسىمان قۇرۇلمىلىق ساندان سىستېمىسى
3. مۇناسىۋەت قۇرۇلمىلىق ساندان سىستېمىسى
Excel دا جەدىۋەل قۇرۇۋېلىپ Access ساندانىغا كىرگۈزىمىز، بۇنىڭدا مۇھىم نۇقتا ID(كىملىك) بولۇپ، سانداندا ھەربىر ئەزانى قايتىلانمايدىغان ID ئارقىلىق پەرقلەندۈرىمىز.
Excel دا جەدىۋەل قۇرۇش تاماملانغاندىن كېيىن مۇشۇ جەدىۋەلنى Access كىرگۈزىمىز، كىرگۈزۈپ بولۇپ قۇرۇق ساندان دېگەننى تاللايمىز، تاللىغاندىن كېيىن ئارا يۈز كۆرۈنىدۇ، Excel دىن جەدىۋەل كىرگۈزۈشنى باسقاندىن كېيىن تۆۋەندىكدەك دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ. چېكىت ئۇرۇلغان ۋە رامكىلانغان جايلارغا دىققەت قىلىمىز، كېينكى قەدەم نى باسقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ، بۇ يەردە سىز ID ۋە باشقا بۆلەكلەرنىڭ مەلۇماتىنى بەلگىلەپ بېرىسىز، ID سان بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۇنى پۈتۈن سان بولسۇن، دەپ ئېنىقلاپ بېرىمىز، باشقا بۆلەكلەر تېكىست بولغانلىقى ئۈچۈن تېكىست قىلىپ بەلگىلەندى. چېكىت ئۇرۇلغان ۋە رامكىلانغان جايلارغا دىققەت قىلىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن جەدىۋەل ئەكىرىش ئاساسەن تاماملانغان بولىدۇ.
ئۇلاش ئىككى خىل بولۇپ بىرى بىۋاستە ئۇلاش، يەنە بىرى كود ئارقىلىق ئۇلاش.
VS2013 دە يېڭى Porject قۇرۇش، ئۇلىنىشنى قورل(Tools) دىن ساندان ئۇلىنىشىنى باسسىڭىزمۇ ياكى مۇلازىمېتر كۆرگۈچ (Server Explorer) دىن مەلۇمات ئۇلاش دېگەننى باسسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بايا قۇرغان Project ھۆججىتىدە Form1 غا DataGridViewer كونتىرولىدىن يەنە بىرنى ۋە Button دىن بىرنى ئەكىرىپ، كود تەھرىرلەش كۆزىنىكىنى ئاچقاندىن كېيىن System.Data.OleDb نام بوشلۇقىنى كىرگۈزۈش، بۇ كود ئۇلاشنىڭ كودى بولۇپ، كود دىكى مۇناسىۋەتلىك جايلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگەرتسە بولىدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article سانلىق مەلۇمات ئامبىرى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.