ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى

ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى تەنھەرىكەتچىلەر بەلگىلىك ئۆلچەمدىكى ۋېلىسىپىتنى مىنىپ سۈرئەت، چىداملىق ۋە تېخنىكىدا مۇسابىقىلىشىدىغان ھەرىكەتتۇر.

ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى
ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى

ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى ھەققىدە

ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن. 1883-يىل 7-ئايدا موسكۋا بەيگە مەيدانىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. 10 يىلدىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا مۇسابىقە مەيدانىدىكى ۋېلىسىپىت لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. 1896-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ۋېلىسىپىت رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. 1900-يىلى خەلقئارا ۋېلىسىپىت بىرلەشمىسى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە قۇرۇلۇپ، بىر يىلدا بىر قېتىملىق دۇنيا ۋېلىسىپىت لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل بولغان. كېيىن يەنە دۇنيا ياش-ئۆسمۈرلەر ۋېلىسىپىت لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، دۇنيا ۋېلىسىپىت دالا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى قوشۇلغان. 1956-يىلى خەلقئارا ۋېلىسىپىت بىرلەشمىسى تەرەققىي قىلىپ، ئىككى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئايرىلغان، يەنى خەلقئارا كەسپىي ۋېلىسىپىت جەمئىيىتى(باش ئورگىنى بېلگىيىدىكى بريۇسسېلغا جايلاشقان) ۋە خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى ۋېلىسىپىت جەمئىيىتى(باش ئورگىنى ئىتالىيىدىكى رىمغا جايلاشقان) .

مۇسابىقە مەيدانى ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى

ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى مۇسابىقە مەيدانىدىكى ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى، تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى ۋە دالا مۇسابىقىسى دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ.

مۇسابىقە مەيدانى ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى

مۇسابىقە مەيدانىدىكى ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى مەيدان مۇسابىقىسى دەپمۇ ئاتىلىپ، مەخسۇس ۋېلىسىپىت مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە زال ئىچى، زال سىرتى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. مۇسابىقە تۈرلىرىدىن ئاساسلىقى 1000 مېتىرلىق ۋاقىت خاتىرىلەش مۇسابىقىسى، ئالدىن تالىشىش مۇسابىقىسى، ئەرلەرنىڭ 4000 مېتىرلىق، ئاياللارنىڭ 3000 مېتىرلىق يەككىلەر قوغلىشىش مۇسابىقىسى، ئەرلەرنىڭ 4000 مېتىرلىق، ئاياللارنىڭ 2000 مېتىرلىق كوللېكتىپ قوغلىشىش مۇسابىقىسى بار.

تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى

تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرىدىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يەككىلەر مۇسابىقىسى بىلەن كوللېكتىپ ۋاقىت خاتىرىلەش مۇسابىقىسى، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىشتىن سىرتقى 120 ~190 كىلومېتىرلىق يەككىلەر مۇسابىقىسى ۋە 100 كىلومېتىرلىق كوللېكتىپ ۋاقىت خاتىرىلەش مۇسابىقىسى، ئاياللارنىڭ ئىشتىن سىرتقى 50 ~70 كىلومېتىرلىق يەككىلەر مۇسابىقىسى، كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ 250 ~280 كىلومېتىرلىق يەككىلەر مۇسابىقىسى بار.

دالا مۇسابىقىسى

دالا مۇسابىقىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىم مۇساپىسى يانباغىر، ئورمانلىق، جىرالىق، كۆۋرۈككە ئوخشاش مۇرەككەپ يەر تۈزۈلۈشىدە ئېلىپ بېرىلغاچقا، شۇ نام بىلەن ئاتالغان، ئۇ ئوچۇق مۇسابىقە ۋە مەخپىي مۇسابىقە دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئالدىنقىسىدا مۇسابىقىدىن بىر كۈن ئاۋۋال لىنىيە ئېلان قىلىنىدۇ، كېيىنكىسىدە مۇسابىقىگە يېرىم سائەت قالغاندا لىنىيە ئېلان قىلىنىدۇ. مۇسابىقە ئارىلىقى كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا24 كىلومېتىر، ئىشتىن سىرتقى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 21 كىلومېتىر، ياش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 15 كىلومېتىر بولىدۇ. دالا مۇسابىقىسىنىڭ دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بىرلا مۇسابىقە تۈرى بار.

ئالاقىدار بايان

تاشيول مۇسابىقىسى بىلەن دالا مۇسابىقىسىنىڭ لىنىيە ئۆزگىرىشلىرى ئوخشاش بولمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن، پەقەت ئىسىم تەرتىپى نەتىجىسى بىلەن ئوتتۇرىچە سائەتلىك تېزلىكىلا بولۇپ، دۇنيا رېكورتى بولمايدۇ.

ھازىر دۇنيا ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتىدە كۈچلۈك دۆلەتلەر ياۋروپاغا توپلانغان بولۇپ، ئىتالىيە، فرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيىلەر تارىختىكى دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلاردۇر. ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى 1913-يىلى ئېلىمىزگە كىرگەن. 1930-يىلى جۇڭگولۇق پەن دېمىڭ ۋېلىسىپىت مىنىپ دۇنيانى ساياھەت قىلىپ، دۇنيانى لەرزىگە كەلتۈرگەن. 1990-يىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئېلىمىز ماھىرى جۇ لىڭمېي ئاياللار بىر كىلومېتىرلىق ۋاقىت خاتىرىلەش مۇسابىقىسىدە بىر مىنۇت 13 سېكۇنت 99.8 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان. بۇ، ئېلىمىز ماھىرلىرىنىڭ ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇشى ھېسابلىنىدۇ.

Tags:

ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى ھەققىدەۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى مۇسابىقە مەيدانى ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى ئالاقىدار بايانۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتىۋېلىسىپىت

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

موگۇئاپتوموبىلفرانسىيە مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسى9- فېۋرال1954جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىكاربونمۇھەممەد زەھرىددىن بابۇر13- فېۋرال1999 - يىلىLuknowۋەيران بولۇشئۇيغۇرلاردىكى نان مەدەنىيىتىمارشال پىلانىجو بايدېنجىن سۇلالىسىھوللىۋودجۇغراپىيە6- فېۋرالئۇكرائىنا3- فېۋرال1914 - يىلىئۇيغۇر تىلى1977ھىلاكوخانشۋېتسارىيەكرىل ئۇيغۇر يېزىقىئىنگبيكاتشوTürkiyeئىلىدىكى تاتارلار ھەققىدەFacebookزايوم ئەڭ كۆپ دۆلەتۋىكىپېدىيەJenweRutherfordiumسلوۋاك تىلىپ������د��رخەلقئارا ئاياللار بايرىمى2013 - يىلىشەرقىي جەنۇبىي ئاسىيائوغۇزنامهروسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىI ئەھمەھ تۇغانخان5 - ئاپرېلئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنانو تېخنىكىسىچوكاھىندىستانخىتاينىمە ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقاتماقچى؟يۈرەك زەئىپلىكىپاراگۋاي18- ھۇدرەغايىب كېچىسىئادەتتىكى يىلسەئۇدى ئەرەبىستانقىرىم ئۇرۇشىيۇپىتېر23- ھۇدئۈندۈرمەپاپۇئا يېڭى گۋىنېيەئوكسىگېنفرانسىيىگە قاراشلىق گۋىئاناRitis2003تاگالوگ تىلى🡆 More