ماياكوۋېسكى يېزىدا تۇغۇلغان، دادىسى دېموكراتىك ئىدىيەگە ئىگە ئورمان باشقۇرغۇچىسى ئىدى.
دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاپىسى بىلەن موسكۋاغا كۆچۈپ كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپلا ئۇ ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ھەم 1908-يىلى رۇسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، تەشۋىقاتچى بولغان، ئۈچ قېتىم قولغا ئېلىنغان، تۈرمىدە نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان ھەم شېئىر يېزىشنى مەشىق قىلغان.
ئۇيغۇرچە ئىسمى :ماياكوۋېسكى
دۆلەت تەۋەلىكى :رۇسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى :1893-يىلى
ۋاپات بولغان ۋاقتى :1930-يىلى
كەسپى :شائىر
ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەسەرلىرى :«لېنىن»، «ياخشى! »، «مەدھىيە»
ماياكوۋېسكىئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، مىسرالىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئالاھىدە، بىر جۈملە بىرنەچچە مىسراغا بۆلۈنىدىغان، بەزىدە ھەتتا بىر سۆزمۇ بىرنەچچە مىسراغا بۆلۈنىدىغان، پەلەمپەيسىمان تىزىلىدىغان بىر خىل يېڭى، ئالاھىدە شېئىر شەكلى پەيدا بولدى. ئۇ ئىخچام، پۇختا بولۇپ، شېئىردىكى تىنىشنىڭ رولىنى گەۋدىلەندۈرەتتى، ئەڭ سالماقلىق سۆزلەرنى تەكىتلەيتتى؛ رىتىمى ئېنىق، جەسۇرانە، كۈچلۈك، دېكلاماتسىيە قىلىشقا ئالاھىدە باب ئىدى. كىشىلەر بۇ شېئىرنى پەلەمپەيسىمان شېئىر دەپ ئاتاشتى. ئۇنىڭ ئىجادچىسى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ كۈيچىسى ماياكوۋېسكى (1893 − 1930-يىللار) ئىدى.
دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاپىسى بىلەن موسكۋاغا كۆچۈپ كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپلا ئۇ ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ھەم 1908-يىلى رۇسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، تەشۋىقاتچى بولغان، ئۈچ قېتىم قولغا ئېلىنغان، تۈرمىدە نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان ھەم شېئىر يېزىشنى مەشىق قىلغان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى كۈرەش قىزغىنلىقى بىلەن ئىنقىلابنى مەدھىيىلەيدىغان شېئىرى «مەدھىيە» نى يازغان. جاھانگىرلار ياش سوۋېتلەر جۇمھۇرىيىتىگە قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزگەندە، ئۇ مەشھۇر شېئىرى «سولغا مارش» نى يېزىپ، خەلقنى قورال ئېلىپ، ئىشچى-دېھقانلار ھاكىمىيىتىنى جان تىكىپ قوغداشقا چاقىرغان. ئۇ يەنە نۇرغۇن تەشۋىقى شېئىر ۋە سىياسىي ئىلھاملاندۇرۇش شېئىرلىرىنى يېزىپ، دۈشمەننى پاش قىلغان، ھەجۋىي قىلغان، زەربە بەرگەن، خەلقنىڭ ئىنقىلابىي قىزغىنلىقىغا ئىلھام بەرگەن.
ماياكوۋېسكى 1924-يىلى لېنىن ۋاپات بولغان، ئۇ يېرىم يىل تىرىشىش ئارقىسىدا «لېنىن» پوئېمىسىنى پۈتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ لېنىنغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن شۇنداقلا لېنىنىزمنى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تەشۋىق قىلغان ۋە قوغدىغان. 1927-يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلىگەندە، ئۇ «ياخشى!» پوئېمىسىنى ئىجاد قىلىپ، ئۆتكەن 10 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگەن، كوممۇنىزمنىڭ پارلاق مەنزىلىگە نەزەر سالغان. ماياكوۋېسكىرۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلى ۋە 20-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا يەنە نۇرغۇن ئېلان شېئىرلىرىنى، پلاكات شېئىرلىرىنى، ھەجۋىي شېئىرلارنى، ئىلھاملاندۇرۇش شېئىرلىرىنى، بالىلار شېئىرلىرىنى يازغان. بۇ شېئىرلارنىڭ ئىدىيەسى ئوچۇق، ھېسسىياتلىق، پىكرى يېڭى، شەكلى ئالاھىدە، كۆپىنچىسى دېكلاماتسىيە قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
مەنبە:ئىزدە قامۇسى
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ماياكوۋېسكى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.