كاۋاۋىچىن يەل ھەيدەش، يەل تارقىتىش، قورۇش، تۇتۇش، چىڭىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش ھەزىمنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بىر خىل مۇچ تىپىدىكى ئۆسۈملۈك.
|
|
كاۋاچىچىن ئۆسۈملۈكىنىڭ مېۋىسىنىڭ پوستى، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى «كابابە خەندان» «كاۋاۋى چىنى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
سوزاپ ئائىلىسىدىكى كىچىك ياغاچ غۇللۇق كاۋاچىچىن ئۆسۈملۈك.
ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەم ھىندىستان، ياۋرۇپا قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
مېۋىسىنىڭ كۆپىنچىسى يەككە ئۆسكەن بولۇپ، تېشى بىنەپشە رەڭدە، كۆپ ساندا تارقاق سۆگەلسىمان كۆتۈرلۈپ چىققان ماي نۇقتىلىرى بار.
مېۋىسىنىڭ پوستى.
كەبابى خەنداننىڭ تەركىبىدە %1~%9 ئۇچۇچان ماي بار. مېيىنىڭ ئاساسى تەركىبى لىمۇننىن (Limonene) كونىكالىكوھول
(cunicalcohoc) گىرانىئول(Graniol) دىن ئىبارەت.
چىش ئاغرىقى، ئېغىز پۇراش، ھەزىم ناچارلىشىش، يۈرەك، مېڭە ئاجىزلىقى، ئاشقازان جىگەر كېسەللىكلىرى ئىستىرخا سوغۇق يەل كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىش، چاچنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان جىگەرنى قۇۋۋەتلەش يەل ھەيدەش، يەل تارقىتىش، قورۇش، تۇتۇش، چىڭىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش ھەزىمنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتى بار.
ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش.
ئاقىر قەرھا، كابابە
دوۋساققا زىيانلىق، يانپاش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ.
نىلۇپەر، مەستىكى، سەندەل، قىزىلگۈل
زەرۇرى قىلائى
گىرانسولنىڭ كىچىك دورىسى چوڭ چاشقاننىڭ ئۆزلىگىدىن ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى تورمۇزلايدۇ. چوڭ مىقدار دىكىسى ئۈچەي ھەرىكىتىنى تورمۇزلايدۇ. ئۆلتۈرۈش مىقدارىغا بارغاندا ئىچىنى سۈرىدۇ. ئاز مىقداردا ئىچكۈزسە چوڭ چاشقان يەڭگىل دەرىجىدە سىيىدۇ. كۆپ مىقداردا ئىچكۈزسە سۈيدۈك تورمۇزلىنىدۇ.
1.موزا 3 گرام، كاۋاۋىچىن 2 گرام ئىلىپ، سوقۇپ سۇپۇپ تەييارلاپ چىش ئاغرىقىغا زىماد قىلسا چىش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.
2.كاۋاۋىچىننى قايناقسۇغا چىلاپ، سۈزۈپ سۈيىدە غەر-غەر قىلسا ئېغىز پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .
3.كاۋاۋىچىن كۇندۇر، مەستكى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ، سۇپۇپ تەييارلاپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە ئاشقازان يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2~3 گىرامغىچە
مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋىلىنىپ، قورغاق جايدا ساقلىنىدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article كاۋاۋىچىن, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.