ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ

ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ
شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى- ئەخمەتجان قاسىمى

بالىلىق ۋە ياشلىق

1914 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 14 - ﻛﯜﻧﻰ شەرقى تۈركىستاننىڭ ﻏﯘﻟﺠﺎ شەھىرىنىڭ توغرا كۆۋرۈك مەھەللىسىدە، ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ دىھقان ﯪئﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .دادىسى نادىر تەمبۇر،ئانىسى شەرۋانەم قاسىمى ئىدى. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﯧﻐﯩﺪﯨﻼ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ئاﺋﯩﻠﻪ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﻛﯜﻥ ﯪﻟﻤﺎﻕ ﯴﭼﯜﻥ 1924 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﯲﻣﻪﺭ قاسىمى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﺖ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﺩﺍﺭﯨﻠﺘﺎﻡ ، ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﺗولۇﻗﺴﯩﺰ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1929 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1932 - ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺗولۇﻕ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﯪﻟﻤﯘﺗﯩﺪﺍ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ . ﯮﻗﯘﺷﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻗﯧﻠﯩﭗ ئوقۇتقۇچىلىق ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .

1934 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1937 - ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﯲﺯﺑﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﯪﺳﯩﻴﺎ ﯰﻧﯟﯦﺮﺳﺘىتى(ساگو)دا ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1937 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯘﺳﻜﯟﺍ ﺷﻪﺭﻖ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﯨﻤﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﯬﻣﮕﻪﻙ ﯰﻧﯟﯦﺮﺳﺘىتﯩﻐﺎ ﯮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺗﺎﺗﺎﺭﯨﺴﺘﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﯰﻧﯟﯦﺮﺳتىتىدا ﭘﯩﺮاﻛﺘﯩﻜﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . 1941 - ﻳﯩﻠﻰ گﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯮﻗﯘﺵ ﺗﻮﺧﺘىﺗﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻤﯘ ﯲﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .

ئەسكەرلىك

مىللى ئىنقىلاب دەۋرىدە

ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ 1942 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﯪﻳﺪﺍ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﻳﻪﺭ ﯪﺳﺘﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ . 1943 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﯪﻳﺪﺍ ﺷﯩﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﯪﻳﺪﺍ ﯴﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻳﺎﻻﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ . 1944 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﯪﻳﺪﺍ ﻗﻮﻳﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ شەرقى تۈركىستان مىللى ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻐﺎ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،«ئازاد شەرقى تۈركىستان گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن تەھرىرى، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ھەربى ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑۆﻟﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ، ھﯚﻣﯜﻣﻪﺕ ﯬﺯﺍﺳﻰ ، ھﻪﺭبى ﺋﺸﻼﺭ ھﻪﻳﯭﺗﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯔ ﯬﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1946 - ﻳﯩﻠﻰ 7 - ﯪﻳﺪﺍ ئىلى تەرەپ ﯞﻩﻛﯩﻠى ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﯴﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯲﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﯪﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1947 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﯪﻳﺪﺍ ﯲﻟﻜﯜﻟۈﻚ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ،شەرقى تۈركىستان ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭىشىﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺷﯩﻐﺎ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .

تىنچلىق بىتىمى دەۋرىدە

شەخسى ھاياتى

ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن ماھىنۇر قاسىم ئايالى ئادالەت قاسىمى قىزى ئادىلجان قاسىمى ئوغلى

ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن ئۆلۈمىگىچە

1948 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﻰ ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﯰﻟﻐﺎﻳﺘﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ ، ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ << ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﯩﻨﯩﭽﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺧﻪلقچىلىقنى ھﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻰ >> ﻧﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ << ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ >> ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1948 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 22 - ﻛﯜﻧﻰ، ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ خىتاي كومۇنىستلىرى رەھبىرى ﻣﺎﯞﺯﯦﺪﯗﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎئەﻥ ، شەرقى تۈركىستان ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﯲئۆﻣﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯧﻴﭙﯩﯖﮕﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ يېڭى ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻣﻪﺳﻠﻪھﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ، 27 - ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯩﺮﻛﯘﺗﺴﯩﻜﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﻛﯚﻟﻰ ھﺎﯞﺍ ﺑﻮﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﯪﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻧﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﯩﻼ ﭼﯩﻘﯩﺶ ھﺎﺩﯨﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘﭖ ﺑﻪﺧﯩﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﺎﺯﺍ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ .گەرچە كۆپ قىسىم تارىخى ماتىرىياللاردا شۇنداق يېزىلسىمۇ ،ئەينى چاغدىكى مەرھۇمنىڭ يېقىن سەبداشلىرى ھەم جەسەتلەرنىڭ دەپنە ئىشلىرىغا قاتناشقان شاھىتلار ئەھمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ئاۋۋال ئالمۇتا دا سوۋېت ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتتە بولغانلىقىنى ،بۇ جەرياندا ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاش تەرەپدارى بولغانلىقىنى،ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ موسكىۋاغا كەلتۈرۈلۈپ،شۇ جايدا ۋەھشى بىر ئۇسۇلدا سۇيقەست قىلىنغانلىقىنى ئېيتىشماقتا. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ئارﺍﻥ 35 ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ .

Tags:

ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ بالىلىق ۋە ياشلىقئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ئەسكەرلىكئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ مىللى ئىنقىلاب دەۋرىدەئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ تىنچلىق بىتىمى دەۋرىدەئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ شەخسى ھاياتىئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن ئۆلۈمىگىچەئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

ۋىدا خۇتبىسىھەجئەلى مەمتىمىنتور (ئىنتېرنېت)ئۈندۈرمەغئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىبۈيۈك بېرىتانىيە1944 - يىلىRitisSidnéyگېئولوگىيەجىن سۇلالىسىمولدوۋائوسمانلىئوكيانىيەبىرىكمە ماتېرىيالئاۋستىرىيەھونلارئۆزبېك مىللىتىئەينەكپارامىتا (مېۋە)دانىلد ترامپئادەتتىكى يىل12601989Alabama Shitatiئىزباش بەت23- ھۇدئوتتو ۋون بىسماركلىما1999 - يىلىبۇلۇت ھېسابلاشظاصتاص يئضةن مئؤة9- فېۋرالسوۋېت ئىتتىپاقى3- فېۋرالفرانسىيە30- كۆنەكيۈەن سۇلالىسى1956Oregon ShitatiShimaliy AmptonshirكاشغەرCSSۋەھرانMilan2022شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياSaskachéwan19452009 - يىلىنۇھ ئەلەيھىسسالام1987 - يىلى28- قەھرىتان1967ھىندىستانيەر شارىبيكاتشوRutherfordiumجىمى ۋالىسÉnsklopédiyeسوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىۋىكىپېدىيە ۋەخپىۋىلادىمىر پۇتىنساموئائاۋغۇستئايەتۇللاھ ھامەينى🡆 More