ھاممام

   ھاممام ھازىرقى تىلىمىزدا ھور مۇنچا دېگەندىن ئىبارەت.

خەلقىمىز ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىللەردە، ئاساسەن، تاغ –  دالا، ئورمانلاردا ئولتۇراقلىشىپ، تاش ئوچاقلاردا تاماق ئەتكەندە، قازاندىن تاشقان سۇ تاشقا چۈشۈپ ھور ھاسىل بولغان. ئۇلار شەھەرلىشىپ دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، يۇقىرىقى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ئائىلىۋى تاش ھاممام ياساپ پايدىلانغان. كېيىنكى چاغلاردا ئاۋات كوچا –  بازارلاردا مۇكەممەلرەك ھامماملار سېلىنىپ، سودا كارۋانلىرى، ساياھەتچىلەرنىڭ يۇيۇنۇشىغا قولايلىق يارىتىلغان.

  ھامماملىرىمىز بىر كىشىلىك يۇيۇنۇش ئۆيى ۋە كۆپ كىشىلىك ھوردىنىش ئۆيىدىن ئىبارەت قۇرۇلمىغا ئىگە. كىشلىرىمىز ئىككىنچى بىرەيلەن بار جايدا يالىڭاچ يۇيۇنۇشنى ئەدەبسىزلىك ھېسابلىغاچقا، ئايرىم ئۆيدە يۇيۇنىدۇ. ئايرىم ئۆيلەر قاتار سېلىنىپ، ھەممە ئۆينىڭ ئۈستىدىن سۇ ئىسسىتىدىغان قازانغا تۇتاشتۇرۇلغان چاقچۇق(ساپال)نور ئۆتىدۇ. نورنىڭ ھەربىر ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قىسمىغا سۇ چۈشىدىغان جۈمەك ئورنىتىلغان بولىدۇ. قازاندىن چىققان سۇ نور ئىچىدە ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ھەركىم ئايرىم ئۆيدە بىر  –  ئىككى رەت يۇيۇنغاندىن كېيىن، لۆڭگىگە بېلىدىن تۆۋەن ئورىنىپ ھوردىنىش ئۆيىگە چىقىدۇ. ھوردىنىش ئۆيىگە چوڭ، ئورۇندۇق، كارىۋاتلار قويۇلغان بولۇپ، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا تاش قىزىتىش سۇپىسى بولىدۇ. سۇپىنىڭ ئاستى ئوچاق بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوت قالىنىپ،  قىزىتىلغان تاش ھوردىنىش ئۆيىنى يۇقىرى ھارارەتتە ئىسسىتىپ، كىشىلەرنىڭ بەدىنىنى تەرلىتىدۇ. ئۆينىڭ ھارارىتى سەل تۆۋەنلىشى بىلەن تاشقا سۇ چېچىلىپ، نەم ھور پەيدا قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەرلەش يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. تەرلىنىش ئۆيىدە خاتەمچىلەر(بەدەننى سۈرتۈپ قويغۇچىلار)بولىدۇ. ئۇلار خالىغۇچىلارنىڭ بەدەنلىرىنى سۈرتۈپ قويىدۇ. بۇ جايدا ھورلىنىپ بولغانلار يەنە يۇيۇنۇش ئۆيىگە كىرىپ يۇيۇنۇپ  چايقىلىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەر –  ئاياللارنىڭ ھامماملىرى ئايرىم –  ئايرىم تەسىس قىلىنغان. ھامماملىرىمىز بەدەندىكى كىرنى تېز چىقىرىش، بەدەننى يەڭگىللىتىش، سوغۇقتىن ساقلاش، ئۇستىخان ئاغرىقىغا داۋا بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بۇنداق ھامماملار  ھازىر زامانىۋى مۇنچىلارغا ئورۇن بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەينى تارىخىي دەۋرلەردىكى رولىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.

   ئابدۇرېشىتخان دەۋرىدە ھامماملارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا ئائىت يېزىلغان بىر يادنامىدە‹‹... 585مەھەللە مەسچىتى، 437 ھاممام، 1690 مەكتەپخانا، 573 مەدرىس(يۇقىرى بىلىم يۇرتى)، 1706 كارۋان سارىيى...(قىسقارتىلدى)››بارلىقى پۈتۈلگەن. ئەمما بۇنداق مەدەنىي ئەسلىھەلەر زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ۋەيران بولۇپ كەتكەن. كېيىنچە خەلقىمىز بىر كىشىلىكتىن يۇيۇنۇش ئۆيى ياساپ، ئۇنى ‹‹سەراب›› دەپ ئاتىغان. بۇ ئۆينىڭ ئۈستى   يۇيۇنغۇچىنىڭ باش تەرىپىگە ئىسسىق، ئىلىمان سۇ قاچىلىنىدىغان،  ئاستىدىكى تۆشۈك ياغاچ، رېزىنكە نوكچا بىلەن ئېتىلىدىغان چېلەك، كوزا، قاپاق ئېسىلىپ يۇيۇنىلاتتى. ھازىر تۇرۇبىلاشقان سەرابلار مۇنچا نامى بىلەن جارى بولماقتا.

Tags:

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

تاڭ سۇلالىسىكۇممۇنىزمشەرقىي جەنۇبىي ئاسىياباش بەتKrakowياۋروپا ئىتتىپاقىئەنتى-كوممۇنىزىممۇسا ئەلەيھىسسالامئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتىشىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدوھاKambrijئومان1977نەجىب مەھفۇزكىيېۋ1979پۇتبولئەركىن تۇنىيازياپونىيەماۋرىتانىيەليۇكسېمبۇرگتەيۋەنتور جەمئىيىتىتىۋىتتېرمىسىرقورغاس شەھىرىگوللاندىيەئوكيانMaryland Shitatiشىمالىي مارىئانا فېدېراتسىيىسىمەككەۋولودىمىر زېلېنسكىيئىپارخان2019-2020 يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ۋەھىمىسىگە مۇناسىۋەتلىك يالغان خەۋەرئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىئاۋمېنلىبېرالىزىمسۇلايمان ئەلەيھىسسالامكۇباسيۇرىخئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىشافىئىي مەزھىپىموڭغۇلىيەشېنجېن شەھىرىقازاقىستانئوكلاخوما شىتاتىجېجياڭ ئۆلكىسىباغدادداۋجياۋ دىنىدىڭ شياۋپىڭئەنجان ۋىلايىتىشاكىلاتئايەتۇللاھ ھامەينىلى كېچياڭرۇمىنىيەئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىБаш бәтخېبېي ئۆلكىسىكونسېرۋاتىپلودزكۇڭزىچىلىقئۆمۈچۈكجۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىخەنزۇ مىللىتىسوۋېت ئىتتىپاقىبىل كلىنتوننىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىزۇنۇن قادىرىبراتىسلاۋانىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونۇم رايونىيېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس كېسىلى(كوۋىد-19 كېسىلى)🡆 More