گالپاگوس تاقىم ئارىلى-ئېكۋاتورنىڭ شەرقىي تىنىچ ئوكياندىكى يانار تاغ تاقىم ئارىلىدا بولۇپ، قۇرۇقلۇق ئۇمۇمىي كۆلىمى 7994 كىۋادرات كىلومېتىر، 59500 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىسىى سۇ يۈزىگە تارقالغان.
ئۇيغۇرچە نامى :گالپاگوس تاقىم ئارىلى
جۇغراپىيەلىك ئورنى :ئېكۋاتور
كىلماتى :تروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمان كىلىماتى
قوغداش ئوبيېكتى :دېڭىز ئىنگۋانىسى، پىلسىمان تاشپاقا
6پارچەگالپاگوس تاقىم ئارىلىگالپاگوس تاقىم ئارىلى - ئېكۋاتورنىڭ شەرقىي تىنىچ ئوكياندىكى يانار تاغ تاقىم ئارىلىدا بولۇپ ، شەرقتە لاتىن ئامېرىكىسى چوڭ قۇرۇقلۇقىغا 1000 كىلومېتىر كېلىدۇ . ئۇ بىر نەچچە چوڭ ئارال ۋە بىر نەچچە يۈز كىچىك ئاراللاردىن تەركىپ تاپقان ، قۇرۇقلۇق ئۇمۇمىي كۆلىمى 7994 كىۋادرات كىلومېتىر ، 59500 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىسىى سۇ يۈزىگە تارقالغان .
گەرچە ئېكۋاتور ھۆكۈمىتى 1892 - يىللا بۇ تاقىم ئارالغا كولون تاقىم ئارىلى دەپ نام قويغان بولسىمۇ، ساھىلىدە ئۆمىلەپ يۈرگەن سان- ساناقسىز تاشپاقىلار بۇ يەرگە كەلگەن دېڭىزچىلاردا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا «گالپاگوس» دەپ نام قويغان، ئىسپان تىلىدا بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «چوڭ تاشپاقا» دېگەنلىك.
گالپاگوس تاقىم ئارىلى1535-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى پانامادىكى ئىسپانىيەلىك باش روھانىي بېرانگا پېروغا كېتىپ بېرىپ بۇ «جەلىپكار ئارال» نى بايقىغان ۋاقىتتا، بۇ يەر تېخى ئادىمىزات ئاياغ باسمىغان، ئىپتىدائىي ھالەتتىكى «تەبىئىي پادىشاھلىق» بۇلۇپ، ھازىر بۇ يەر ئاللىقاچان ب د ت تەرىپىدىن « دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى تىزىملىكى » گە كىرگۈزۈلدى، قوغدىلىش كۆلىمى پۈتۈن تاقىم ئارالنىڭ %96 تىن يۇقىرى بولۇپ، دۇنادىكى بۇ غەلىتە ئارالنىڭ ئەسلى ھالىتىنى مەڭگۈ ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.
7پارچەگالپاگوس تاقىم ئارىلىبۇ يەردە غەلىتە مەنزىرىنىڭ پەيدا بۇلىشى ئالدى بىلەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىندۇر.
ئارال مەنزىرىسىنىڭ غەلىتە بۇلىشىدىكى يەنە بىر ئاساسلىق سەۋەب، ئۇزۇن مەزگىل دۇنيادىن ئايرىلىپ، باشقا ئاراللار بىلەن ئالاقىدە بولمىغانلىقدىندۇر، تاقىم ئارال يانار تاغ پارتىلىشى، لاۋانىڭ دۆۋلىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيدا بولۇپ، ھازىر نەچچە ئون مىليۇن يىللىق تارىخقا ئىگە، ئارالدىكى جانلىقلار تۈرىنىڭ كۆپ بۇلىشى شمالنىڭ ئۇچرىشى، قۇشلارنىڭ ئېلىپ كېلىشى ياكى دېڭىز يۈزىدە ئېقىپ يۈرگەن نەرسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن. ئاراللار يەنە دېڭىز سۈيى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قۇرۇقلۇقتا ياشىغۇچى ھايۋانلار ئوخشىمىغان يۆنىلىش بويىچە تەرەققىي قىلىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ھەرخىل تۈرلەرنى شەكىللەندۇرگەن.
گالپاگوس تاقىم ئارىلى ئالىملارنىڭ ئىنتايىن ھەيران قالغان يىرى شۈكى، بۇ يەرنىڭ ئۆزىگە خاس ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ، تەخمىنەن 700 خىل يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك ئارىسىدا %35 تىن كۆپىرەكى بۇ يەرنىڭ ئۆزىگە خاس؛ 635 خىل ھايۋانات ئىچىدە، 3 1 قىسمى يەنىلا مۇشۇ يەرنىڭ ئۆزىگىلا خاس. تېخىمۇ ئالاھىدىرەك بولغىنى ئىسسىق بەلباغ ھايۋانلىرى بىلەن سوغۇق بەلباغ ھايۋانلىرىنىڭ بىرلىكتە ياشىشىدىن ئىبارەت ئاجايىپ بىر مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article گالپاگوس تاقىم ئارىلى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.