پەشتۇ تىلى (پەشتۇچە: پښتو)، ئافغانچە، پەشتۇچە ۋە پاھتۇچە ھەم دېيىلىدۇ.
ئافغانىستاندا ۋە پاكىستاننىڭ غەربىدە ياشاغۇچى پەشتۇ خەلقىنىڭ تىلىدۇر. ھىندى-ياۋروپا تىللىرىدىن بولغان ھىندۇ-ئىران تىللارى ئائىلەسىگە باغلىقتۇر. 38 ھەرفلىك بىر ئېلىپبەسى باردۇر. بەئزى تاۋۇشلار سانسىكرىت تىلىدا ھەم باردۇر.
پەشتۇچە، بۇ تىلغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان ئەرەب ئەلىفبەسى بىلەن يازىلىدۇ. ئافغانچە، ئېغىر دەرىجىدە ھىندىچە، بەلۇجىچە، بورىھچە، ئوردۇچە ۋە پەنجاپچەگە ئوخشاش ھىندىستان ۋە پاكىستان تىللىرىنىڭ تەئسىرى ئاستىدا قالغان. شۇنداقلا فارسچە ۋە ئەرەبچەدىن كىرگەن نۇرغۇن كەلىمە ھەم باردۇر. پەشتۇچە، قەدىمى ئىران ۋە ھىندى تىللىرىغە خاس ئۆزەللىكلەر ھەم باردۇر.
پەشتۇچە، 16. ئەسردە يازما ئەدەبىياتقا ئۆتۈشكە باشلادى. 18. ئەسردە ئافغان دەۋلەتى قۇرۇلىشى بىلەن تىلىنىڭ ئورنى يەنىمۇ ئارتىدۇ. 1936- يىلى ئافغانىستاننىڭ رەسمىي تىلى ئېلان قىلىندى. كۈنىمىزدە پەشتۇچە ئافغانىستاننىڭ مائارىپ تىلىدۇر. بۇ دۆلەتتىكى ئىككىنچى تىل بولسا فارسچەدۇر. ئافغانىستان ۋە پاكىستاننىڭ سىرتىدا ھىندىستان ۋە بانغىلادېشتا سۆزلىشىلىدۇ. بەئزى تىلشۇناسلار پەشتۇچەنى، ئوردۇچە ۋە فارسچەنىڭ بىر لەھچەسى دەپ قەبۇل قىلىدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article پەشتۇ تىلى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.