پارنىك ئېففېكتى ئاتموسفېرادىكى پارنىڭ گاز مىقدارىنىڭ ئارتىپ كېتىشى بىلەن يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىدىغان ھادىسىە .
ئۇيغۇرچە نامى :پارنىك ئېففېكتى
چەتئەلچە نامى :Greenhouse Effect
ئەمەلىي پەن :بىئولوگىيە
4پارچەپارنىك ئېففېكتى
پارنىك ئېففېكتىنىڭ ئىنسانلارغا يەتكۈزىدىغان خەۋەپ - خەتىرى ناھايىتى زور . ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرلاپ كەتكەندە بەزى چاغلاردا يامغۇر كۆپىيىپ بەزى چاغلاردا قۇراغاقچىلىق كۆپىيىپ پەيدا بولىدۇ ،شامال ۋە بوران كۈچىيىپ تەبىئىي ئاپەتلەر ئېغىرلاپ كېتىدۇ .
كىشىلەرنى ئەڭ ئەنسىرتىدىغىنى شۇكى ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەش سەۋەبلىك ئىككى قۇتۇپتىكى مۇزلۇقلار ئېرىپ . دېڭىز يۈزى يۇقىرى ئۆرلەپ دېڭىز ياقىلىرىغا جايلاشقان كۆپلىگەن شەھەرلەر ، ئاراللار ياكى پەسىرەك جايلار دېڭىز ئاستىدا قىلىش خەۋىپى تۇغۇلىدۇ .
20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىرنىڭ چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدا ئۇدا 6 يىل قۇرغاقچىلىق يۈز بىرىپ ، ئاشلىق ۋە ئوت - چۆپ يېتشمىگەچكە چارۋا ماللارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۇرۇلگەن ۋە ئاچارچىلىق بىر يىرىم مىليۇن ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولغان . مانا بۇ پارنىك ئېففېكتى ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن بالايى ئاپەتنىڭ كىچىك مىسالى .
5پارچەپارنىك ئېففېكتىئىلگىرى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل جەريانىدا ئاتموسفېرادىكى كاربۇن تۆت ئوكسىدى مىقدارى بىر تەرەپتىن كۆپىيىپ ، بىر تەرەپتىن كېمىيىپ بىرخىل دىنامىك تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلاپ ، مىقدارى ئاساسى جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ كەلگەن . لېكىن يىقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بىرى نوپۇسنىڭ جىددى كۆپىيىشى، سانائەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ، نەپەستىن ، يىقىلغۇلارنىڭ كۆيىشىدىن پەيدا بولغان كاربۇن 4 ئوكسىدنىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە كۆپەيدى . ئۇندىن باشقا ئورمانلار ۋە يېپىنچە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى تۈپەيلىدىن فۇتۇسىنتىز ئارقىلىق ، كاربون 4 ئوكسىدلىرى ئوكسگېنگە ئايلىنىدىغان شەرت شارائىتلار ئازىيىپ ، ئاتموسفېرادىكى كاربون 4 ئوكسىد كۆپىيىپ كەتتى . كاربون 4 ئوكسىد يەر شارىدىكى ئىسسىقلىق رادىياتسىيەسىنىڭ يۇقىرى ئالەم بوشلۇقىغا كۆتۇرۇلىشىنى توسۇپ ، يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ . لېكىن ئۇنىڭ مىقدارى بەك كۆپىيىپ كەتكەچكە ، خۇددى يەر شارىغا بىر قازاننى كىيدۇرۇپ قويغاندەك ئەھۋال يۇز بىرىپ ، تېمپېراتۇرا بارا - بارا تۆۋەنلەپ « پارنىك ئېففېكتى » كېلىپ چىقىدۇ . پارنىڭ گازى - كاربون تۆت ئوكسدىدىن باشقا يەنە فىتۇر ، خىلور ئالكىللىرى ، مىتان ، ئازۇت تۆت ئوكسىد قاتارلىق 30 نەچچە خىل خىمىەۋى ماددىلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .
پارنىك گازلىرىنىڭ مىقدارىنى ئۈنۈملىك كونتۇرۇل قىلىش، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش، يېقىلغۇلارىن ئىلمى پايدىلىنىپ ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشنى تېزلەشتۇرۇپ ، جايلارنى زور كۈچ بىلەن كۆكەرتىپ پارنىك ئېففېكتىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا تېخىمۇ زور ئاپەت ئېلىپ كېلىشىدن ساقلىنىش كېرەك .
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article پارنىك ئېففېكتى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.