يانچىلىق تۈزۈمى (رۇسچە: Крепостное право، خەنچە: 农奴制)، ئوتتۇرا ئەسر ياۋروپاسىدا، مىراس شەكلىدە ئۆزىگە بۆلۈنگەن ئاپاناج تۇپراقلاردا يەر ئىگىسىگە ئىشلەيدىغان دېھقان.
ئېتىز ۋە مەھسۇلنىڭ مۇلكىيىتى يەر ئىگىسىگە ئائىت بولۇش بىلەن بىرگە، يانچىلار ئاشلىق ۋە كىيم - كېچەك ئىھتىياجلارىنى قامدايالىغۇدەك مىقداردا مەھسۇلاتنى ئۆزلىرىگە ئېلىپ قالالايدۇ.
قۇللۇق تۈزۈمىگە ئىنتايىن ئوخشىشىدىغان بۇ تۈزۈمدە يانچىلار قۇللارغا ئوخشاش ئېلىپ سېتىلمايتتى. يانچىلار ئادەتتە ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان ئېتىز-دالىلاردا ئىشلەش بىلەن بىرگە، بەئزىدە يەر ئىگىسى تەرىپىدىن، باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىلمىگەن ئېتىز- قىرلاردىمۇ ئىشلىتەلەيتتى. شۇنداقلا ئۆزلىرىگە ئايرىلغان ئاشلىقنى تارتىش ئۈچۈن پەقەتلا ئۆز يەر ئىگىسىگە تەۋە تېگۈرمەنلەرنى ئىشلىتەلەيىتتى.
يانچىلار بىلەن ئەركىن دېھقانلار ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم پەرق كۆچۈش ئەركىنلىكى ئىدى. يانچىلار خۇجايىنلارنىڭ ئىزنى بولماي ئېتىز-ئېرىقلىرىنى ۋە قىشلاقلارىنى ھەر دائىم تاشلاپ كېتەلمەيتتى. بۇلاردىن باشقا توي قىلىش، ئىش ئالماشتۇرۇش ياكى ماللىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن خۇجايىنلارنىڭ رۇخسىتى ئالىشى كېرەك بولاتتى. يەرگە باغلىق ئىدىلەر، يەر سېتىلغاندا يەر بىلەن بىللە يېڭى خۇجايىنىنىڭ يانچىلىقىنى قىلاتتى. كۆپىنچە يامان مۇئامىلىگە ئۇچرايىتتى ۋە قانۇن ئالدىدا خۇجايىنلارغا كۆرە بەك تار دائىرىدە ھەق-ھوقۇققا ئىگە ئىدىلەر. يانچىلىقتىن قۇرتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى ئازاد قىلىنىش ياكى قېچىش ئىدى.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article يانچىلىق تۈزۈمى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.