شەۋكەت مىرئامانوۋىچ مىرزىيايېۋ (ئۆزبەكچە: Shavkat Miromonovich Mirziyoyev / Шавкат Миромонович Мирзиёев) (تو.
1957- يىل 30- كۈنەك)، ئۆزبېك سىياسىئون. 2003- يىلى 12- دېكابىردىن ئېتىبارە ئۆزبېكىستان باش مىنىستېرى، 2016- يىلى 7- سىنتەبىردىن بېرى ۋاقىتلىق ئۆزبېكىستان ئەلباشى ۋەزىپىسىنى ئاتقارماقتا.
1981- يىلى تاشكەنت سوغىرىش ۋە ئىسلاھات ئېنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن.
1996- يىلى ۋە 2001- يىللار ئارىسى جىززاھ ۋالىيسى بولغان. 2001- يىلى سىنتەبىردىن 2003- يىلى دېكابىرغىچە سەمەرقەند ۋالىيسى بولغان.
2003- يىلى 12- دېكابىردە سابىق ئۆزبېكىستان ئەلباشى ئىسلام كەرىموۋ تەرىپىدىن باش مىنىستېرلىككە تەئيىنلەندى ۋە ئۆزبېكىستان مەجلىسىدە ئىشەنچ ئاۋازى ئالدى. مۇئاۋىنى ئەرگەش شاھئىسمەتوۋ ئېرۇر.
ئىسلام كەرىموۋنىڭ ۋافاتىدىن سوڭرە، 2016- يىلى 8- سېنتەبىر ئۆزبېكىستان مەجلىسى تامانىدىن يېڭى سايلام ئۆتكۈزۈلگەنگە قەدەر ئۆزبېكىستان ئەلباشى بولۇپ ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن.
ئۆزبېكىستان 12-ئاينىڭ 4-كۈنى زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزدى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى زۇڭتۇڭ نامزاتى شەۋكەت مىرزىيايېف %88.61لىك قوللاش نىسبىتى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلىقىغا سايلاندى.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article شەۋكەت مىرزىيايېۋ, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.